ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاڭ ۋېنخۇڭ: ئومىكرون «ئادەم چىشلەيدۇ»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-12 09:50

 

9-يانۋار كەچتە، تيەنجىن شەھىرى نەنكەي رايونى گۇلوۋ كوچا باشقارمىسى جۇڭيىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا تەكشۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە

كەسكىن، مۇرەككەپ يۇقۇم ۋەزىيىتىگە قارىتا، تيەنجىندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دەرھال پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە بارلىق كىشىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئومىكرون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قانداق بېسىملارنى پەيدا قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ كەلگۈسىدە يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق كۆپىيەمدۇ؟ 

 

01


 

جاڭ بولى: تيەنجىندىكى يۇقۇمدا ئومىكرون بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېشىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاڭ بولى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، يۇقۇملانغان 40 ئادەمنىڭ 23ى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. تيەنجىننىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئۆزگەرگەن ۋىرۇس ئومىكروندىن يۇقۇملىنىش روشەن ھالدا تۆۋەن ياشلىقلارغا يۈزلەنگەن.

جاڭ بولى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ يوشۇرۇن ھالەتتە تارقىلىشى ئومىكرون بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەس. ئۆزگەرگەن ۋىرۇس ئومىكرون بىلەن يۇقۇملانغۇچىدا كۆپىنچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ياكى كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولىدۇ، يوشۇرۇنۇش خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا بىمارلاردا داۋالىنىش تەشەببۇسكارلىقى يېتەرلىك بولمايدۇ، يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە بايقاش قىيىن بولىدۇ، بۇ نۆۋەتتە ئومىكروننىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى قىيىن نۇقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزگەرگەن ۋىرۇس ئومىكروننىڭ يۇقۇشچانلىقى دېلتادىنمۇ كۈچلۈك. نۆۋەتتە تيەنجىندىكى يۇقۇمدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق يېشى كىچىك يۇقۇملانغۇچىلار توپىنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، بۇمۇ ئومىكروندا ئىپادىلەنگەن يېڭى ئالاھىدىلىكتۇر.

ئۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ياش-ئۆسمۈرلەردە ۋاكسىنىنىڭ ئەملىنىش نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالىنىش ئېڭى يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا بۇ ياشتىكىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئاجىز ھالقا ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يىغىلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەرگە ئاز قاتنىشىشى، مەكتەپتە قېلىپ قالغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىمكان بار سىرتقا چىقماسلىقى لازىم.

9-يانۋار، تيەنجىن شەھىرى شىچىڭ رايونى جۇڭبېي بازىرى جىنشى خۇايۈەن مەھەللىسىدىكى بىر نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، بىر ئاتا بالىسىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئەۋرىشكە ئالدۇرماقتا

 

02

 

جاڭ ۋېنخۇڭ: ئومىكرون «ئادەم چىشلەيدۇ»

نۆۋەتتە ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئومىكرون پۈتۈن دۇنيادا غالجىرلىق بىلەن يامراۋاتىدۇ، دۇنيادا كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىدا ئۇدا يېڭى رېكورت يارىتىلىۋاتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇ ۋىرۇس تۈپى «چوڭ تارقىلىشچان زۇكام» دېگەن گەپ تارقالدى. بۇ خىل قاراشنىڭ ئاساسى بارمۇ-يوق؟

جاڭ ۋېنخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى تاراتقۇلار ئومىكرون «چوڭ تارقىلىشچان زۇكام»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېيىشمەكتە، بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇ ئومىكرون بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ رېنتىگېن نەتىجىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ بىر «چوڭ تارقىلىشچان زۇكام»، ئەگەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچلۈك بولمىسا، ياخشى داۋالاش مۇھىتى بولمىسا، ئومىكرون «ئادەم چىشلەيدىغان» ۋىرۇسقا ئايلىنىدۇ.

جاڭ ۋېنخۇڭ مۇنداق قارىدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئومىكرون پەيدا قىلىدىغان ئېغىر كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشتا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئۈنۈمگە ئىگە، شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەشتە ئاكتىپ بولۇش كېرەك.

 

03

 

ۋۇ زۇنيۇ: ئومىكروننىڭ دۆلەت ئىچىدە تارقىلىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك

ئومىكروننىڭ دۆلەت ئىچىدە تارقىلىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ۋۇ زۇنيۇ كۆپچىلىككە مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: ئومىكروننىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بۇ ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، بىرىنچى، ئومىكروننىڭ كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك، بايقاش تېخىمۇ تەس، تارقىلىشى تېخىمۇ ئاسان، بۇ بىمارلارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ياخشى ئىش بولغان بىلەن، كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىشكە نىسبەتەن تېخىمۇ زور خىرىس پەيدا قىلىدۇ. بۇ نۇقتىغا ئىلگىرى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ياكى مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەردە سەل قارالغان. ئىككىنچى، ئومىكرون باشقا ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپلىرىگە قارىغاندا ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ۋاكسىنىنىڭ كۈچەيتىش ئوكۇلىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك.

 

04

 

ياڭ جەنچيۇ: كەلگۈسىدە يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن

نۆۋەتتە، ئومۇميۈزلۈك نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇش يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلى بولۇپ، شۇنداق قىلغاندىلا يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ئايرىپ، يۇقۇمنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ۋۇخەن داشۆسى ۋىرۇس ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ جەنچيۇ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان بىمارلار بىلەن زىچ ئۇچراشقان كىشىلەر يۇقۇمنىڭ يامراش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى 4 كۈندىن 5 كۈنگىچە بولۇپ، كەلگۈسىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت، بىراق ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى تېز سۈرئەتتە قامال قىلىپ، قاراتمىلىق تەدبىر قوللانساقلا، تيەنجىندىكى يۇقۇمنى ۋاقتىدا تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

9-يانۋار، تيەنجىن بىنخەي يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا خىزمەتچىلەر ئاممىدىن نۇكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئالماقتا

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاڭ ۋېنخۇڭ: ئومىكرون «ئادەم چىشلەيدۇ»

كەسكىن، مۇرەككەپ يۇقۇم ۋەزىيىتىگە قارىتا، تيەنجىندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دەرھال پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە بارلىق