ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەۋھۇم پۇل سودىسىغا ياردەم بەرگەن باشلىق ئەيىبلەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-20 15:47

جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى شياۋ يىنىڭ پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىدى. يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار شياۋ يىنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكارنى سوراق قىلدى، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تەپتىش ئورگانلىرى ئەرز قىلىپ مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار شياۋ يى جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى، جياڭشى ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىكى خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش، تۈر ئېچىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغان؛ جاۋابكار شياۋ يى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، فۇجوۋ شەھىرى چۇاڭشىجى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئاساسلىقى مەۋھۇم پۇل ھېسابلاش-ئىشلەپچىقىرىش كەسپى، مەۋھۇم پۇلغا چېتىشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش ۋە سېتىش كەسپى، مەۋھۇم پۇل سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مالىيە تولۇقلىمىسى، دېلونى سوت قىلىش، مەبلەغ مەدىتى، ئېلېكتىر كۈچى كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم بېرىپ، ئاممىۋى مال مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان، قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

رەسىم مەنبەسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەۋھۇم پۇل سودىسىغا ياردەم بەرگەن باشلىق ئەيىبلەندى

جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى شياۋ يىنىڭ پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردى،