ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

200دىن ئارتۇق پوسۇلكىنى يولغا تاشلىۋەتكەن كىمدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-24 16:39

يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچيۇ شەھىرىدە ۋەن خانىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن پوسۇلكىلارنىڭ📦 يول بويىدا چېچىلىپ ياتقانلىقىنى، ئەتراپىدا ھېچكىم يوقلۇقىنى بايقىدى. ئۇ پوسۇلكىدىكى يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال بىر قارارغا كەلدى↓↓↓

دۆلەت تاشيولىدا 200دىن ئارتۇق پوسۇلكىنى تېپىۋالدى، ئۇ ئاپتوموبىل بىلەن ئون نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ دۇكاندارغا يەتكۈزۈپ بەردى

16-يانۋار، كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا، ۋەن خانىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىرتقا تاماق يېگىلى چىقىپ بىر دۆلەت تاشيولىغا كەلگەندە، نۇرغۇن پوسۇلكىلارنىڭ يەرگە چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ۋەن خانىم مۇنداق دەيدۇ: «پوسۇلكىلار يىراقتىن قارىسا خۇددى خىشقا ئوخشايتتى، كېيىن ئۈستىگە پوسۇلكا ئۇچۇرى چاپلانغانلىقىنى كۆردۈم، ساناپ باقسام، تەخمىنەن 200 دىن ئاشىدىكەن».

ۋەن خانىم دەرھال تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە تېلېفون قىلدى، قارشى تەرەپ شۇ كۈندىكى تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى، ئىككىنچى كۈنى قايتىش يولىدا ئېلىۋالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەن خانىم «پوسۇلكا بۇنچە كۆپ تۇرسا، پوسۇلكا ئىگىسى يوقالغىنىنى بىلسە چوقۇم ناھايىتى تىت-تىت بولىدۇ» دەپ ئويلىدى. ئۇ تېز يەتكۈزۈش تالونىدىكى ئۇچۇردا بارلىق پوسۇلكىلارنىڭ ئوخشاش بىر يوللىغۇچىدىن كەلگەنلىكىنى بايقاپ، تېلېفون نومۇرى بويىچە تېلېفون قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ بىر دۇكان خوجايىنى ئىكەنلىكىنى، يەرگە چېچىلىپ كەتكەن پوسۇلكىلارنىڭ دەل ئۇنىڭ دۇكىنىدا ئورالغان كەمپۈت ئىكەنلىكىنى بىلدى.

خوجايىننىڭ ناھايىتى تىت-تىت بولغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋەن خانىم دەرھال تەسەللى بېرىپ: «جىددىيلەشمەڭ، بىز ئاپتوموبىلدا ئاپىرىپ بېرەيلى» دېدى. شۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە يول چىرىغىنىڭ يورۇقىدا پوسۇلكىلارنى بىر-بىرلەپ ئاپتوموبىلغا باستى ھەمدە پوسۇلكىلار چۈشۈپ قالمىسۇن دەپ ئەتراپنى ئوبدان كۆزىتىپ چىقتى.

ئۇلار 20 نەچچە مىنۇت سەرپ قىلىپ 10 نەچچە كىلومېتىر يولنى بېسىپ، پوسۇلكىلارنى دۇكانغا ئېلىپ كەلدى، دۇكاندار خۇشاللىقىدا ئۇلارغا تەكرار رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئۇلارغا ئىچىملىك بېرىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئەسلىدە پوسۇلكا توشىغۇچى توشۇش جەريانىدا ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغاچقا، پوسۇلكىلار يولغا چۈشۈپ قالغانىكەن.

«قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك»، تورداشلار: بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى!

دۇكان خوجايىنى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ كەمپۈتلەرنىڭ قىممىتى 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلارغا ئۇچراپ قاپتۇ». ۋەن خانىم مۇنداق دېدى: «شۇنچە كۆپ پوسۇلكا يولدا يىتىپ كەتسە، يوقاتقۇچى چوقۇم ناھايىتى تىت-تىت بولىدۇ، شۇڭا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك».

تورداشلار ۋەن خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بەس-بەستە ماختاپ: «بۇ پوسۇلكىلار ھېلىمۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە ئۇچراپ قاپتۇ»، «بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى» دېيىشتى. 👍

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

200دىن ئارتۇق پوسۇلكىنى يولغا تاشلىۋەتكەن كىمدۇ؟

دۆلەت تاشيولىدا 200دىن ئارتۇق پوسۇلكىنى تېپىۋالدى، ئۇ ئاپتوموبىل بىلەن ئون نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ دۇكاندارغا يەتكۈزۈپ بەردى