ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-24 16:42

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى  تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ 272-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ خېجيەن مۇنداق دېدى: ھازىر بېيجىڭ شەھىرى دېلتا ۋە ئومىكروندىن ئىبارەت ئىككى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى، يۇقۇم كۆپ نۇقتىدا تارقالدى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. نۆۋەتتىكى جىددىي پەيتتە تېز ۋە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى قەتئىي تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئەڭ تېز سۈرئەت، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنى كونترول قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

شۈ خېجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىرۇسنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئادەم ۋە نەرسىنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېپىدېمىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش مەنبەسى ۋە زەنجىرىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك. يېقىندىن ئۇچراشقۇچى قاتارلىق يۇقۇم خەتىرى يۇقىرى كىشىلەرنى بېكىتىش، باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى تىزلىتىپ، خەتەرلىك رايونلارنى ھەرىكەتچان قامال قىلىش ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك. نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى كۆپەيتىپ، ئاممىنىڭ تەكشۈرتۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، نەق مەيدان تەرتىپىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار ئومۇميۈزلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ، ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇققاندا دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ

يۇقۇم كۆپ نۇقتىدا تارقالدى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ.