ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن ئەربابلار ئولىمپىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 17:00

 

نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

بۇ يەر قار-مۇز ماكانى شىۋېيتسارىيە، بۇ يەردە مول قار-مۇز بايلىقى بار، يەرلىك كىشىلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقى قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. يېقىندا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ياۋروپا باش پونكىتى باش ئىشتابى شىۋېيتسارىيەگە جايلاشقان نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلار مەسئۇللىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بولغان تىلىكىنى ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى شىۋاب بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ يولۋاس يىلىنىڭ بەختلىك، ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ باش لىدىرى بوگ برۇند باش ئىستانسىنىڭ ياۋروپا باش پونكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ، ساغلاملىق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىسى ھىلۋى فوربان خەنزۇچە مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك» بولۇش ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئىزچىل ئىنتىلىشى، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە، بىز بىرلىكتە كەلگۈسىگە قاراپ تىرىشايلى! بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن.

غەيرەت قىل بېيجىڭ!

باش ئىشتابى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان 150 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى جاۋ خۇلىنمۇ باش ئىستانسىنىڭ ياۋروپا باش پونكىتى ئارقىلىق بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە يولۋاس يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ». بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن ئەربابلار ئولىمپىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى

نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى