ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ كىمدۇ ئەمدى؟ تەپ تارتماي بۇ يەردە ئالدامچىلىق قىلغىنىنى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:51

 نۆۋەتتە، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە «شەمشەر 3-نومۇر» ناملىق مەركەزلىك زەربە بېرىش-تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك يۇقۇمغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇمىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلماقتا.

مۇخبىرنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا سۇڭجياڭ رايونى ساقچى دائىرىلىرى يۇقۇمغا چېتىشلىق قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جىنايەت گۇماندارى لىنxx  (ئەر، 24 ياش) قاتارلىق سەككىز كىشىگە قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى.

ساقچى تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 30-ئاپرېل سۇڭجياڭ رايونى ساقچى دائىرىلىرى بىر دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، لىن xx قاتارلىق كىشىلەر چاسا بۆلمە دوختۇرخانىدا ئۈچ كۈن خىزمەت قىلىپلا، خىزمەت سىجىللىقى يۇقىرى، ياتاق شارائىتى ناچار دېگەن سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئىشچىلارنى «ئىش تاشلاش»قا كۈشكۈرتۈپ، بىنادىن سەكرەيمەن دەپ قورقاق سېلىپ، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتىنى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا قىستىغان، ھەمدە ھەر بىر ئادەمگە 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم تەلەپ قىلغان. خەلق ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ شايكىنىڭ 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشقا رايوندىكى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەمگە ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار دېلوغا قارىتا لىنىيە بويىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

سۇڭجياڭ ج خ شۆبە ئىدارىسى روڭلې شەرقىي يولى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئۇقتۇردى. سۈرەتنى ساقچى تەرەپ تەمىنلىگەن

 

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى لىن xx ئۆزىنىڭ لى xx (ئەر، 23 ياش) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىش ئىزدىگەندە مەخسۇس چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدىكى خىزمەت ئورنىنى تاللاپ، ئىشقا چۈشۈپ بىر نەچچە كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن «ياتاق شارائىتى ناچار، خىزمەت سىجىللىقى يۇقىرى» دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتىگە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەمدە يۇقىرى سوممىلىق ئايرىش ھەققى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەگەر شىركەت قوشۇلمىسا، ئەسەبىي ۋاسىتىلەر بىلەن شىركەتنى تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. ئۇلار 24-ئاپرېل چاسا بۆلمە دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشۈپ ئۈچ كۈن ئىشلىگەندىن كېيىنلا، ھەر كۈنى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىدا يوق يەردىن ئىش تېرىپ جېدەل چىقارغان ۋە شىركەتنى تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇرلىغان، ھەتتا بىنادىن سەكرەيمەن دەپ تەھدىت سالغان، ئاخىرىدا ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلغان. نۆۋەتتە لىن xx، لى  xxقاتارلىق سەككىز جىنايەت گۇماندارىغا سوڭجياڭ ساقچى دائىرىلىرى جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ كىمدۇ ئەمدى؟ تەپ تارتماي بۇ يەردە ئالدامچىلىق قىلغىنىنى!