ئۈچ يىلدىن بۇيان، جەمئىي 1262 ساقچى قۇربان بولدى
2019-يىلى 5-ئايدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدا جەمئىي 1262 خەلق ساقچىسى، ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، 27 مىڭ 7 خەلق ساقچىسى، ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە يارىلاندى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن جەمئىي بىر كىشىگە «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى، بىر كىشىگە «1-ئاۋغۇست ئوردېنى» بېرىلدى، بىر كىشىگە «1-ئىيۇل ئوردېنى» بېرىلدى، ئىككى شەخس ۋە بىر كوللېكتىپقا «دەۋر ئۈلگىسى» بېرىلدى، زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشتى، 830 مىڭ ئادەم (قېتىم)، 94 مىڭ كوللېكتىپ تۆھپە قوشۇش بويىچە تەقدىرلەندى. ئۇلارغا ئېھتىرام!