ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئىشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-10 10:22

 

تۆت تارماق 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تور دىكتورلۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 7-ماي «توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى ھەدىيە بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

1. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى ھەدىيە بېرىشكە قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

2. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور رىياسەتچىسى بولۇشىنى قاتتىق كونترول قىلىش، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تور رىياسەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىك كېرەك.

3. «ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى»نى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

4. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەخسۇس خېرىدارلار مۇلازىمىتى قىلىش ئەترىتى قۇرۇش كېرەك.

5. نۇقتىلىق ئىقتىدارلارنىڭ قوللىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تور سۇپىلىرى پىكىر ئېلان قىلىنىپ بىر ئاي ئىچىدە ھەدىيە رەت تەرتىپ تىزىملىكىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك.

6. بېسىق مەزگىلدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

7. تور ساپاسى تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ئىشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ

تۆت تارماق 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تور دىكتورلۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى