ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودىگەرلەر نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلسا جازا بېرىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-18 20:05

 جۇڭگو خەلق بانكىسى 13-ماي مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2022-يىلىنىڭ 1-پەسىلىدە، خەلق بانكىسى قانۇن بويىچە چاڭئەن جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شۇياڭ تارماق شىركىتى قاتارلىق نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلغان يەتتە ئورۇن ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرگە ئىقتىسادىي جازا بەردى، جەرىمانە سوممىسى 2000 يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە بولدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ئورۇنلار خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، سۇغۇرتا شىركىتى ۋە داۋالاش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قىسمەن سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئاممىنىڭ نەق پۇل بىلەن سۇغۇرتا ھەققى تۆلىشىنى، سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى رەت قىلغان، بەزى خوجىلىق شىركەتلىرى ئاممىنىڭ نەق پۇل بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تۆلىشىنى رەت قىلغان، يەنە بەزى ئاپپاراتلار ئاممىنىڭ نەق پۇل بىلەن نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ھەققى تۆلىشىنى رەت قىلغان.

سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى تور بېتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق بانكىسى نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلىش قىلمىشىنى تۈزەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرمەكتە. تەكشۈرۈش ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلغانلارنى خەلق بانكىسى قانۇن بويىچە جازالايدۇ ھەمدە ئاشكارىلايدۇ، ھەقىقىي تۈردە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ۋە خەلق پۇلىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئورنىنى قوغدايدۇ.

خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جەمئىيەتتىكى ئامما نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلىش قىلمىشىغا يولۇققاندا، قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدۇ. كەڭ تىجارەت سۇبيېكتلىرى قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، خەلق پۇلىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئورنىنى قوغداپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ چىقىم قىلىشنى تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىناق بولغان نەق پۇل ئوبوروت مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودىگەرلەر نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلسا جازا بېرىلىدۇ

جۇڭگو خەلق بانكىسى 13-ماي مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2022-يىلىنىڭ 1-پەسىلىدە، خەلق بانكىسى قانۇن بويىچە چاڭئەن