ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق پۇلىغا دائىر مۇھىم خەۋەر!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-22 19:17

 

ماتېرىيال سۈرەت، بىر بانكا خىزمەتچىسى خەلق پۇلى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنى سانىماقتا.

 

مۇخبىرنىڭ 15-ماي جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى ھازىرقى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR) غەللىسىدىكى پۇل قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قېلىشنى بىردەك قارار قىلغان ھەمدە خەلق پۇلىنىڭ ۋەزنىنى %10.92 تىن %12.28كە ئۆستۈرگەن. يېڭى SDR پۇل غەللىسى بۇ يىل 1-ئاۋغۇست رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، كېيىنكى قېتىملىق SDR  قىممىتىنى بېكىتىپ تەكشۈرۈش 2027 ـ يىلى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

مۇخبىرنىڭ خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ماي، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى بەش يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR) نىڭ قىممىتىنى بېكىتىش تەكشۈرۈشىنى تاماملىغان. بۇ 2016-يىلى خەلق پۇلى SDR غەللىسىگە كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى بىردەك ھازىرقى SDR غەللىسىدىكى پۇل قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىش، يەنى يەنىلا ئامېرىكا دوللىرى، ياۋرو، خەلق پۇلى، ياپونىيە يېنى ۋە فوندستېرلىڭدىن تەركىب تېپىش، ھەمدە خەلق پۇلىنىڭ ۋەزنىنى %10.92تىن %12.28كە ئۆستۈرۈش (1.36 پوئېنت ئۆرلىتىش)، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ۋەزنىنى %41.73تىن %43.38كە ئۆستۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياۋرو، ياپونىيە يېنى ۋە فوندستېرلىڭنىڭ ۋەزنىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %30.93، %8.33 ۋە %8.09 تىن %29.31، %7.59 ۋە %7.59 كە چۈشۈرۈش، خەلق پۇلىنىڭ ۋەزنىنى ئۈچىنچى ئورۇندا ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلغان.

خەلق بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا، خەلق بانكىسى ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ مەبلەغ سېلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان مۈلۈك تۈرلىرىنى بېيىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ سودا ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، جۇڭگو بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ قولايلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ جۇڭگو بازىرىغا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق مۇھىت يارىتىدۇ.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلق پۇلىغا دائىر مۇھىم خەۋەر!

مۇخبىرنىڭ 15-ماي جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى ھازىرقى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى