ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستان بۇغداي ئېكسپورتىنى جىددىي چەكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-22 19:21

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 13-ماي كەچتە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇغداي ئېكسپورتىنى دەرھال چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

13-ماي، ھىندىستان تاشقى سودا باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇغداي ئېكسپورتىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى دەرھال ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويغان ھەمدە ئىجازەتكە ئېرىشكەن دۆلەتلەر ھىندىستاندىن داۋاملىق بۇغداي ئىمپورت قىلالايدۇ. 

ھىندىستان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3-ئايدا ئاخىرلاشقان 2021-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان مالىيە يىلىدا، ھىندىستاننىڭ بۇغداي ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، 7 مىليون 850 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.5 ئاشقان. 

12-ئاپرېل، دېھقانلار ھىندىستاننىڭ ئامرىتسار شەھىرىنىڭ سىرتىدا بۇغداي ئورماقتا.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەر. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇغداي ئېكسپورت مىقدارى پۈتۈن يەر شارىدىكى بۇغداي ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30ىنى ئىگىلەيدىكەن. رۇسىيە- ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن، يەر شارى ئاشلىق تەمىنلەش زەنجىرىدە جىددىيلىك كۆرۈلۈپ، ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە بۇغداي بىلەن ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى بىردىنبىر دۆلەت ئىكەن. 

ھالبۇكى، پايدىسىز ھاۋارايى ۋە خەلقئارا بازارنىڭ تەسىرىدە، ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بۇغداي باھاسى يېقىندا ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن. بىر تەرەپتىن، ھىندىستاندا 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاز ئۇچرايدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، بۇغداي مەھسۇلاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل بۇغداينىڭ مۆلچەردىكى مەھسۇلات مىقدارىنى 105 مىليون توننىغا چۈشۈرگەن، بۇ 2-ئايدىكى مۆلچەردىكى ساندىن %5.7 ئاز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېكسپورت ئېھتىياجى كۈچلۈك بولۇش مۆلچەرىنى چىقىش قىلىپ، خۇسۇسىي ئاشلىق سودىگەرلىرى زور مىقداردا بۇغداي سېتىۋالغان. نەتىجىدە تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن ھىندىستاندا 4-ئايدا بۇغداي باھاسى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆرلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.95 ئاشقان.

يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان زەربىسى ئەڭ بىۋاسىتە بولىدۇ، بۇغدايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك، چۈنكى ھىندىستاندىكى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئىزچىل يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئوتتۇرا ۋە غەربىي شىمال رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھالقىلىق دان تولۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىل ھىندىستان بۇغدايلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %15 ~%25 ئەتراپىدا كېمىيىشىنى  مۆلچەرلىمەكتە. 

ھىندىستان تاشقى سودا باش ئىدارىسى 13-ماي ھىندىستاننىڭ بۇغداي ئېكسپورتىغا قارىتا ۋاقىتلىق چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ، دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سۈرەتتە: 16-ماي، كومبايىن ھىندىستاننىڭ ئەخمەتئاباد شەھەر ئەتراپىدا بۇغداي ئورماقتا.

 

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى (USDA) يېقىندا ئېلان قىلغان دۇنيا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، 2022/2023-يىلىدا، يەر شارى بۇغداي ئومۇمىي مەھسۇلاتى 774 مىليون 800 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2021/2022-يىلىدىكىدىن 4 مىليون 500 مىڭ توننا ئازىيىپ، 2018/2019-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن.

نۆۋەتتە، دۇنيادا بۇغداينىڭ قەرەللىك باھاسى يەنىلا تارىختىكى يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا، چىكاكو قەرەللىك مال سودا ئورنى (CBOT)دىكى بۇغداينىڭ قەرەللىك باھاسى 3-ئايدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، بىر خاند بۇغداينىڭ باھاسى 13.63 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2008-يىلى ياراتقان تارىخىي يۇقىرى نۇقتىدىن ئېشىپ كەتكەن. بەزى تەھلىلچىلەر ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىنى ئاساس قىلساق، بازارنىڭ بۇغداي بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلەش ئىستىقبالىغا زىيادە ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىمىز، ئەمەلىيەتتە كەلگۈسىدە بۇغداي بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلىشىدۇ، دەپ قارىدى. 

ھىندىستان

 

 

16-ئاپرېل، كىشىلەر ھىندىستاننىڭ ئامرىتسار شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر توپ سېتىش بازىرىدا بۇغدايلارنى خالتىلارغا قاچىلىماقتا. 

 

ئافغانىستان

 

9-ماي، دېھقانلار ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ئۆلكىسىدىكى بىر پارچە بۇغدايلىقتا. 

 

مىسىر

 

30-ئاپرېل، مىسىرنىڭ مىنۇف ئۆلكىسىدە بىر دېھقان ئەمدىلا ساماندىن ئايرىغان بۇغداينى چاڭگىلىغا ئېلىپ كۆرمەكتە. نۆۋەتتە، مىسىر بۇغداي ئورمىسى مەزگىلىگە قەدەم قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇرۇق ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن تەمىنلەش، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش باھاسىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، مىسىرنىڭ بۇغداي ئىمپورت مىقدارى ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىكى 12 مىليون توننىدىن ئازىيىپ، 2021-يىلى تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ توننىغا چۈشكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھىندىستان بۇغداي ئېكسپورتىنى جىددىي چەكلىدى

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 13-ماي كەچتە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى تاۋارلارنىڭ