ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىشىنى چۆچۈتىدۇ! 40 توننا ئەخلەت سۈزۈۋېلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-05 09:21

كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن باشقا، دېڭىز ئەخلەتلىرى دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىگە تەھدىت سالماقتا. يېقىندا، مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ھاۋاي دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىز ئەخلەتلىرىنى تازىلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇلار سۈزۈۋالغان دېڭىز ئەخلەتلىرى 40 توننىدىن ئېشىپ كەتتى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى دېڭىز تازىلاش ھەرىكىتى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان پاپاخاناۋ موكۋاكىيە دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان مۇھاپىزەت رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ قوغداش رايونىنىڭ مەركىزىگە كىرىپ، 27 كۈنلۈك تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

ئۇلار سۇ ئاستىغا چۆككەندىن كېيىن تاشلىۋېتىلگەن زور مىقداردىكى سولياۋ بېلىق تورىنى يىغىۋالغان. خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار پەقەت بىر جايدىكى مارجان خادا تاشلىرىدىنلا تەخمىنەن 39 توننا سولياۋ بېلىق تورىنى يىغىۋالغان. بۇ بېلىق تورلىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ئىنتايىن كۈچلۈك، چىدامچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا ئاسان پارچىلانمايدىكەن، بۇ سولياۋ بېلىق تورلىرى مارجان توپى ۋە مارجان خادا تاشلىرىدا ياشايدىغان دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن. خىزمەتچى خادىملار بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 43.9 توننىدىن ئارتۇق دېڭىز ئەخلەتلىرىنى تازىلىغان، ئۇلار بۇ ئەخلەتلەرنى يۈك پاراخوتىغا قاچىلاپ ئېلىپ كېتىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

ئىگىلىنىشىچە، پاپاخاناۋ موكۋاكىيە دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان مۇھاپىزەت رايونى 2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ يەردە مۇستەقىل مارجان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بار بولۇپ، ھاۋاي راھىب تىيۇلېنى، دېڭىز تاشپاقىسى، قىسقا قۇيرۇقلۇق بورانقۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلەرنىڭ ياشاش ماكانى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز-ئوكيان مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىشىنى چۆچۈتىدۇ! 40 توننا ئەخلەت سۈزۈۋېلىندى