ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەسلىدە قاتىللىق قىلىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-05 09:22

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاۋغۇست، جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى ئەنفۇ ناھىيەسىدىكى بىر يەسلىدە چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەرگەن، جىنايەت گۇماندارى ليۇ شياۋخۇي جىئەن شەھىرى ۋەنئەن ناھىيەسىدە تۇتۇلدى.

مۇخبىرنىڭ جىئەن شەھىرى ۋەنئەن ناھىيەسىدىكى قوغلاپ تۇتۇش نەق مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، جىنايەت گۇماندارى قاتىللىق قىلغاندىن كېيىن ۋەنئەن ناھىيەسى شاۋكوۋ يېزىسى جۇڭشې كەنتى ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونغا قېچىپ بارغان، قوراللىق ساقچى قىسىم جياڭشى باش ئەترىتى 29 ئوفىتسېر-ئەسكەرنى، جىئەن شەھىرى 1100 ج خ كادىر-ساقچىسىنى چىقىرىپ جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتقان. شۇ كۈنى سائەت 22 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ساقچىلار ۋەنئەن ناھىيەسى شاۋكوۋ يېزىسى جۇڭشې كەنتى ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يېنىدا جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، ھازىر جىنايەت گۇماندارى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋېتىپتۇ.

جىنايەت گۇماندارى ليۇ شياۋخۇينىڭ تۇرمۇش سۈرىتى.

 

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەر

 

3-ئاۋغۇست سائەت 10 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى ئەنفۇ ناھىيەسىدە قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردى. بىر قارا نىيەت شەپكە كىيىپ، ماسكا تاقاپ، قاتىللىق قورالى ئېلىپ، ئەنفۇ ناھىيە بازىرىدىكى مەلۇم شەخسىي يەسلىگە خۇپىيانە كىرىپ قاتىللىق قىلدى ۋە 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى 6 ئادەمنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئەنفۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى 3-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ھەمكارلىشىپ ئىزدەش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 3-ئاۋغۇست سائەت 10 ئەتراپىدا ئەنفۇ ناھىيەسى پىڭدۇ بازىرىدا چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ليۇ شياۋخۇينىڭ ئەڭ چوڭ گۇماندار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، ھازىر بۇ گۇماندار قېچىپ يۈرۈۋاتىدۇ. ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپ ھالدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەگەر جىنايەت گۇماندارىنى بايقىساڭلار جوۋ ساقچى بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، جوۋ ساقچىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 18827796950. دېلونى پاش قىلىشتا ئۈنۈملۈك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەر 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

جىنايەت گۇماندارى ليۇ شياۋخۇي، ئەر، 48 ياش، كىملىك نومۇرى: X36242919741212385. دېلو يۈز بەرگەندە جىنايەت گۇماندارى قارا رەڭلىك شەپكە كىيگەن، ماسكا تاقىغان، قىسقا يەڭلىك ئاق كۆڭلەك، سۇس رەڭلىك ئىشتان، ئاق رەڭلىك تەنھەرىكەت ئايىغى كىيگەن. 

جىنايەت گۇماندارى ليۇ شياۋخۇينىڭ كىملىكتىكى رەسىمى

 

جىنايەت گۇماندارى ليۇ شياۋخۇينىڭ دېلو سادىر قىلغاندا كىيگەن كىيىمى، قېچىش جەريانىدا شەپكە، ماسكا ۋە سومكا قاتارلىق نەرسىلىرىنى تاشلىۋەتكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەسلىدە قاتىللىق قىلىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى