ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «100 كۈنلۈك ھەرىكەت»نى باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-06 09:30

 

ج خ مىنىستىرلىقى مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى
    3-ئاۋغۇست مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ياز پەسىللىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش-تۈزەشتىكى «100 كۈنلۈك ھەرىكەت»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس سەپەر بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىكى ج خ ئامانلىق باشقۇرۇش تارماقلىرىغا مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ياخشى بولغان ئامانلىق ساقلاش تەرتىپىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.
    ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش-تۈزەشكە تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، چارلاپ تەكشۈرۈش، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختىلاش كېرەك. مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس كەسىپكارلىرىنى بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى، تەربىيەلىشى، تەكشۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. ئالدىن سىگنال بېرىش-ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتارلىق قاتناش-تىرانسپورت ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى ۋە جىددىي ئەھۋالدا قېچىپ قۇتۇلۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ جىددىي ئەھۋالدا ئۆزى ئالدىنى ئېلىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، خەۋپ-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىق ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سەپەر بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
    ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ئاياللارغا پەسكەشلىك قىلىش قاتارلىق ئامانلىق ساقلاشتىكى جاھىل ئىللەتلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، مەخسۇس زەربە بېرىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردىكى رايون خاراكتېرلىك، شايكا تىپىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى تېز تەكشۈرۈپ ۋە تېز بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇستىكى سەپەر بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ساقچى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساقچى كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە بىرىنچى سەپكە سېلىپ، كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايلاردىكى مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ساقچى ئۇچرىتىش نىسبىتى، ئىش باشقۇرۇش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئامانلىق پىدائىيلىرى قاتارلىق ئامما ئالدىنى ئېلىش-ئىدارە قىلىش قوشۇنىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى چەكلەنگەن بۇيۇملارنى بايقاش، قانۇنغا خىلاپ يىپ ئۇچىنى پاش قىلىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى توسۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىگە قاتنىشىش تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. بىرلىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش-بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قەتئىي، كەسكىن، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «100 كۈنلۈك ھەرىكەت»نى باشلىدى