ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەنيادىكى يۇقۇم مەنبەسى ئەسلىدە...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرە،م مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-09 09:15

خەينەن سەنيا شەھەرلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 4-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 3-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن 4-ئاۋغۇست سائەت 12 گىچە، سەنيا شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 59ى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى يېڭىدىن كۆپەيدى. 1-ئاۋغۇستتىن 4-ئاۋغۇست سائەت 12 گىچە، سەنيادىكى «1-ئاۋغۇست» يۇقۇمىدا دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 72، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 1 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىق. يېقىن ئۇچراشقان 663 كىشى، ئىككىلەمچى ئۇچراشقان 245 كىشى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى كونترول قىلىندى.

تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ۋىرۇس گېن تەرتىپىنى ئۆلچەپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، سەنيادىكى «1-ئاۋغۇست» يۇقۇمىنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى 5.1.3.BA كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئېنىقلاندى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى 5.1.3.BA دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىلغان. مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم چېگرا سىرتىدىن كىرىپ تارقالغان، ياجوۋ مەركىزىي بېلىقچىلىق پورتى بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ كىرىش مەنبەسى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ بېلىقچىلار بىلەن چېگرا سىرتىدىكى بېلىقچىلار سودا قىلغاندا كىرگەن بولۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ. ھازىرقى كېسەللىك ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بېلىقچىلىق پورتى، بېلىقچىلىق كېمىسى، بېلىقچىلىق ۋە بېلىق بازىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تارقىلىش زەنجىرى ياجوۋ مەركىزىي بېلىقچىلىق پورتىنى مەركەز قىلىپ نۇر شەكلىدە تارقالغان، نۆۋەتتە يۇقۇم ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، شەھەر رايونىدا مەھەللىۋى تارقىلىش خەۋپى مەۋجۇت.

3-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن 24 كىچە، سەنيادا 740 مىڭ ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈلدى. 1-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن 3-ئاۋغۇست سائەت 24 كىچە، شەھەر رايونىدا جەمئىي 1 مىليون 690 مىڭ ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈلدى، تەكشۈرۈشتە كۈندە ئېلىنغان ئەۋرىشكىنى شۇ كۈندە تەكشۈرۈپ بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتتە، سەنيا ئارىلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن خادىملارنى كونترول قىلىپ، يەككە ئەۋرىشكە ئېلىش، قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەنيادىكى يۇقۇم مەنبەسى ئەسلىدە...