دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇردى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-سېنتەبىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئوكيانىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ تاۋ ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال سانائەت داشۆسىگە قىلغان تور ھۇجۇمى ۋە مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش قىلمىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كەسكىن ۋە رەسمىي ھالدا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياڭ تاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو دۆلەتلىك كومپيۇتېر ۋىرۇسنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ۋە 360 شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قارمىقىدىكى تارماقلارنىڭ جۇڭگو غەربىي شىمال سانائەت داشۆسىگە تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا ئالاقىدار پاكىتلار ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاپپاراتلىرىغا تۇنجى قېتىم تور ھۇجۇمى قىلىشى ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى تۇنجى قېتىم ئوغرىلىشى ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان، جۇڭگونىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، بۇ قىلمىشلارنى چوقۇم دەرھال توختىتىشى كېرەك.