ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

100 مىليون توننىدىن ئاشتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-25 09:11

19-سېنتەبىرگىچە، غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ دېڭىز فازىسى كاربوناتلىق جىنس قاتلىمىدىكى نېفىت زاپىسى ئېچىلغاندىن بۇيان جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %77ىنى ئىگىلىدى، بۇ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 گۈزەل تارىم دەرياسى نېفىتلىكى

تارىم دەرياسى نېفىتلىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، بۇ نېفىتلىكنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسى يېرىقسىمان ئۆڭكۈر تىپىدىكى كاربوناتلىق جىنس قاتلىمى نېفىت زاپىسى بولۇپ، تەكشىسىزلىك خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇش، كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى چوڭقۇر بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۇ يەردىكى نېفىت زاپىسى يەر يۈزىدىن 5500 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇققا جايلاشقان گۇيلىننىڭ تاغ-دەريالىرىدەك تەكشىسىز يەر قاتلىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىچكى قاتلامدكى ئۆڭكۈرلەر نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى زاپاس ساقلايدىغان بوشلۇققا ئايلانغان. بۇ خىل قاتلامدىكى نېفىتنى چارلاپ ئېچىش دۇنياۋى قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

1997-يىلى غەربىي شىمال نېفىتلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇملۇق 46-قۇدۇقى ۋە قۇملۇق 48-قۇدۇقىدىن ئىبارەت ئىككى تەكشۈرۈش قۇدۇقىدىن سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت ۋە گاز ئېقىمى تېپىلدى، شۇنىڭ بىلەن تارىم دەرياسى نېفىتلىكى بايقالدى.

 غەربىي شىمال نېفىتلىكى چارلاش-ئېچىش تەتقىقات يۇرتى كاربوناتلىق جىنس تۈر بۆلۈمى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلماقتا

كۆپ يىللاردىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىكى شىركىتى دېڭىز فازىسى كاربوناتلىق جىنس قاتلىمىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كارستلىق ئېچىش نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك شارائىتىغا ماس كېلىدىغان نېفىت زاپىسىنى ئېچىش يۈرۈشلۈك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى شەكىللەندۈرۈپ، 70 نەچچە تۈردە دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشتى، كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يېتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، ئىككى قېتىم دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ نەتىجىلەر تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

غەربىي شىمال نېفىتلىكى جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇھىم زاپاس مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش بازىسى بولۇپ، سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، تارىم ئويمانلىقىدا 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك زاپاس ساقلانغان تارىم دەرياسى نېفىتلىكى ۋە شۈنبېي نېفىتلىكى-گازلىقى ئارقا-ئارقىدىن بايقالدى، ھازىرغىچە غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ جۇغلانما نېفىت-گاز ئېكۋىۋالېنتى 157 مىليون توننىغا يەتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

100 مىليون توننىدىن ئاشتى!

تارىم دەرياسى نېفىتلىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، بۇ نېفىتلىكنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسى يېرىقسىمان ئۆڭكۈر تىپىدىكى كاربوناتلىق جىنس قاتلىمى نېفىت زاپىسى بولۇپ،