ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئەھۋالدا رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىنى داۋاملىق ئۆتىسە بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-25 09:14

ئەسلىي تېمىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت تارقىتىپ، رەھبىرىي كادىرلاردىكى ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان 15 خىل ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، تۆۋەنلىتىشكىمۇ بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. «بەلگىلىمە»نىڭ 4-ماددىسىدا، كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، تۆۋەنلىتىشكىمۇ بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۆۋەنلىتىشكە بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازا بېرىش، مەمۇرىي جازا بېرىش، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، ئىستېپا بېرىش، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، پېنسىيەگە چىقىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

بۇ «بەلگىلىمە»دە ئاساسلىقى ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە ماس كەلمەيدىغان كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى تەشكىلىي جەھەتتە تەڭشەشكە دائىر تەلەپلەر قېلىپلاشتۇرۇلغان. ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە ماس كەلمەسلىك ئاساسلىقى كادىرلارنىڭ ئەخلاق، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق، نەتىجە، پاكلىق جەھەتتىكى ئەھۋالى ئۆتەۋاتقان ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك، ھازىرقى ئىش ئورنىدا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشكە مۇۋاپىق كەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. «بەلگىلىمە»نىڭ 5-ماددىسىدا رەھبىرىي كادىرلاردىكى ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان 15 خىل ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

1. سىياسىي ئىقتىدارى تەلەپكە يەتمەسلىك، بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك پەرق ساقلىنىش؛

2. غايە-ئېتىقادتا تەۋرىنىپ قېلىش، پارتىيە رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە مەيدانى مۇستەھكەم بولماسلىق، پوزىتسىيەسى ئېنىق بولماسلىق، ئاچقۇچلۇق پەيتتە سىناققا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك؛

3. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھى ئاجىز بولۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي پەيتتە ئارقىغا چېكىنىش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە، مۇھىم، زور خەۋپ-خەتەر ۋە سىناق ئالدىدا پاسسىپلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى تاقابىل تۇرۇشى يېتەرلىك بولماسلىق؛

4. نەتىجە قارىشى جەھەتتە ئېغىش كۆرۈلۈش، خەلقنى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرالماسلىق، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلىيەلمەسلىك، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرالماسلىق، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ بولماي، قىلىدىغاننى قىلماي، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «نەتىجە قۇرۇلۇشى»دەك قالايمىقان ئىشلارنى قىلىش؛

5. پارتىيەنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىش، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ياكى بوشاڭلىق، چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇش، تەشكىلنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماي ياكى ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىدە پىرىنسىپسىز ماجىرا تۇغدۇرۇش ياكى يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، تۇرۇشلۇق جاي، ئورۇننىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

6. تەشكىلى قارىشى سۇس بولۇش، مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن تەشكىلنىڭ تەقسىم قىلىش، يۆتكەش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر قارارلىرىنى ئىجرا قىلماسلىق؛

7. كەسىپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق، روھىي ھالىتى ناچار بولۇش، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى ئەپلەپ-سەپلەپ بىر تەرەپ قىلىش، ئامما ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك، كۈچىمەسلىك، خىزمەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈش؛ 

8. رەھبەرلىك ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلالماسلىق، نىشان-ۋەزىپىلەرنى تەلەپ بويىچە ئورۇنلىيالماسلىق، مۇھىم ئىستراتېگىيە، مۇھىم ئىسلاھات، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى كۈچلۈك بولماسلىق، مەسئۇل بولغان خىزمىتى ئۇزاق مەزگىل ئارقىدا قېلىش ياكى خىزمەتتە بىر قەدەر چوڭ سەۋەنلىك سادىر قىلىش؛

9. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەدبىر بەلگىلەش ياكى تەدبىر بەلگىلەشتە دەلىللەش يېتەرلىك بولماسلىق، ئېھتىياتچان بولماسلىق سەۋەبىدىن ئاممىۋى مەبلەغ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت بايلىقى زىيانغا ئۇچراش، ئىسراپ بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، ئاممىۋى مەنپەئەت زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛

10. ئىستىلدا تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولماسلىق، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلىش؛

11. ئەخلاقى دۇرۇس بولماسلىق، ھەرىكىتى قېلىپتىن چىقىپ كېتىش، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلىۋى گۈزەل ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلىش؛

12. جورىسى، پەرزەنتلىرى چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) كۆچۈپ كېتىش، جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەشكىلىي جەھەتتە تەڭشەشكە توغرا كېلىش؛

13. يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەن ياكى ئۇدا ئىككى يىل ئاساسەن لاياقەتلىك دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە دېموكراتىك باھالاشتا مۇنەۋۋەر ۋە لاياقەتلىك بولۇش بېلەت نىسبىتى ئۈچتىن ئىككى قىسىمغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە ماس كەلمەسلىك؛

14. سالامەتلىك سەۋەبىدىن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلالمىغىنىغا بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىش؛

15. ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە ماس كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلۈش.

«بەلگىلىمە»دە، بۇ ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رەھبىرىي كادىرلارنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

بۇ «بەلگىلىمە» پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلار، سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، شۇنداقلا مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان باشقا ئورگانلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان ئورگان (ئورۇن) لاردا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان كادىرلارغا تەتبىقلىنىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خادىملارغا مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ئەھۋالدا رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىنى داۋاملىق ئۆتىسە بولمايدۇ

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت تارقىتىپ، رەھبىرىي كادىرلاردىكى ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان 15 خىل ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردى