ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئەسلىدە...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-24 08:44

    21-نويابىر، 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىنگلاند كوماندىسى ئىككىگە قارشى ئالتە نەتىجە بىلەن ئىران كوماندىسىنى يەڭدى. توپچى گرىلىش ئىنگلاند كوماندىسىنىڭ 6-توپىنى كىرگۈزدى. توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇ غۇلاچ تاشلاپ رومانتىك ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئۇنىڭ ئۇسسۇلى قارىماققا ئادەتتىكىچە بىر ھەرىكەتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ «ئۇسسۇل»نىڭ كەينىگە ئىنتايىن تەسىرلىك بىر ھېكايە يوشۇرۇنغان ئىدى.

 كىچىك توپ مەستانىسى ئۇنىڭغا خەت يازدى، ئۇ جاۋاب خېتىدە بالىغا مۇھەببەت ۋە ئىلھام بېغىشلىدى

   دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، گرىلىش 11 ياشلىق كىچىك توپ مەستانىسى فىنلېيدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالدى.

   فىنلېي ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان توپچى گرىلىش بولۇپ، ئۇمۇ ئادەتتىكى بالىلارغا ئوخشاشلا پۇتبولنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، فىنلېي مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كېسەل ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىنكاسىنى چەكلەپ قويغانىدى.

   فىنلېي بۇ خەتنى ناھايىتى زور غەيرەتكە كېلىپ يازغان بولۇپ، خېتىدە ئۆزىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن. گرىلىش جاۋاب خېتىدە فىنلېيغا ئىلھام بەرگەن ۋە ئۆزى ئىمزا قويغان توپ كىيىمىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان، يەنە فىنلېي بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، فىنلېي گرىلىش كۈچ چىقارغان پۇتبول كۇلۇبىغا تەكلىپ قىلىندى، فىنلېي ئۆزى ياقتۇرىدىغان داڭلىق توپچى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، گرىلىشمۇ فىنلېيغا ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلدى.

   فىنلېي گرىلىشقا مۇنداق دېدى: مەن دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سىز بىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سىز مېنىڭ قەھرىمانىم، ھەم سىڭلىڭىزنىڭ ياخشى ئاكىسى.
   ئەسلىدە گرىلىشنىڭ سىڭلىسىمۇ مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار ئىدى. گرىلىش مۇنداق دېدى: مەن سىڭلىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بىزنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىمىز ناھايىتى چوڭقۇر، ئۇ ئۈچ ئاي بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان، دوختۇر ئۇنى يول ماڭالماسلىقى ھەمدە گەپ قىلالماسلىقى مۇمكىن دېگەن ئىدى، لېكىن ئۇ ھازىر ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ.
   گرىلىشنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، ھازىر سىڭلىسىنىڭ كېسىلىدە كۆپ ياخشىلىنىش بولدى.

 

توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنكى ئۇسسۇل گرىلىشنىڭ فىنلېيغا بەرگەن ۋەدىسى

   بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، فىنلېي بىلەن گرىلىش قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، قىزغىن پاراڭلاشتى ۋە قول بېرىپ ۋەدىلەشتى. گرىلىش كېلەر قېتىم توپ كىرگۈزگەندە فىنلېي ياخشى كۆرىدىغان تەبرىكلەش ھەرىكىتىنى ئىشلەش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئىككى بىلىكىنى دولقۇنغا ئوخشاش تەۋرىتىدىغان بۇ ھەرىكەتنى دەل شاكىچىك فىنلېي لايىھەلىگەن.

   ئىككىيلەن پۈتۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، گرىلىش دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزدى. گرىلىش پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرى ئاستىدا، فىنلېي لايىھەلىگەن ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆز غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ، 11 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مۇسابىقىدىن كېيىن، گرىلىش زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن ئۈچۈن بۇ بىر ئاددىيغىنە تەبرىكلەش ئۇسۇلى، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن پۈتۈن دۇنيادىن دېرەك بېرىدۇ. فىنلېي، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەمەلگە ئاشۇردۇم.

بۈگۈنكى كۈندە
پۇتبول ماھارەت تەنتەربىيەسىدىنلا دېرەك بەرمەيدۇ،
تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭدا مۇھەببەت ۋە ئۈمىد بار!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئەسلىدە...

بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، فىنلېي بىلەن گرىلىش قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، قىزغىن پاراڭلاشتى ۋە قول بېرىپ ۋەدىلەشتى