ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بانكىلار بۇ كەسىپنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-24 08:45
   مەلۇم بانكىنىڭ كىرېدىت كارتىسى مەخسۇس خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش كەسپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، سىزنىڭ كىرېدىت كارتىڭىزدا يېڭىدىن شەكىللەنگەن چىقىم ھېساباتىڭىزدىكى پۇلنى ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرغىلى بولمايدۇ، ئەگەر سىز مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال چىقىم ھېساباتىڭىزنى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك».

   يېقىندا، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى، جېجياڭ سودا بانكىسى قاتارلىق نۇرغۇن بانكا ئېلان چىقىرىپ، ئۆزلىرى تارقاتقان كىرېدىت كارتىسىدىكى چىقىم ھېساباتىنى مۇددەتكە بۆلۈش كەسپىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كەسىپ تەڭشەلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك بانكىلارنىڭ بىر قىسىم كىرېدىت كارتىلىرىدا ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش كەسپى توختىتىلىدۇ، «مۇددەتكە بۆلۈش رەسمىيەت ھەققى»نىڭ نامى «مۇددەتكە بۆلۈش ئۆسۈمى»گە ئۆزگەرتىلىدۇ.
   كەسپى زاتلارنىڭ قارىشىچە، بانكىلارنىڭ كىرېدىت كارتىسى كەسپىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشىشى كىرېدىت كارتىسى يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ يەنە كارتا ئىگىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەن.

بىر قىسىم كىرېدىت كارتىلىرىدا ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش كەسپى توختىتىلدى

   يېقىندا، قۇرۇلۇش بانكىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2022-يىلى 30-دېكابىردىن باشلاپ، مەزكۇر بانكا تارقاتقان لۇڭكا قولاي كىرېدىت كارتىسى (ئالتۇن كارتا، ئاق ئالتۇن كارتا)نىڭ ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش ئىقتىدارىنى تەڭشەيدىغانلىقى، يەنى شۇ كۈندىن باشلاپ يېڭىدىن شەكىللەنگەن چىقىم ھېساباتىدىكى پۇلنى ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلگىلى بولمايدىغانلىقى، مۇئامىلىدارنىڭ ھېسابات تالونىدا كۆرسىتىلگەن پۇل سوممىسىغا ئاساسەن پۇل قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

   ئىگىلىنىشىچە، لۇڭكا قولاي كىرېدىت كارتىسى قۇرۇلۇش بانكىسى تارقاتقان ئاپتوماتىك ئايلانما ئىستېمال كىرېدىت كارتىسى ئىكەن. كارتا ئىگىسىنىڭ شۇ مەزگىللىك ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسى ھېسابات كۈنى ئاپتوماتىك ھالدا مۇددەتكە بۆلۈنىدىكەن، مۇئامىلىدار 12 مۇددەتكە بۆلۈپ ھەر ئايدا تەڭ سوممىدا قەرز قايتۇرسا بولىدىكەن. قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كىرېدىت كارتىسى مەخسۇس خادىمى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «لۇڭكا قولاي كىرېدىت كارتىسى بېجىرىلگەندىلا ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش ئىقتىدارى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ، بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىن، يېڭى چىققان ھېسابات تالونىدىكى پۇل ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈنمەيدۇ».
   جېجياڭ سودا بانكىسى يېقىندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېلان چىقاردى. ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى 30-دېكابىردىن باشلاپ، جېجياڭ سودا بانكىسى تارقاتقان بېنفېن كارتىسى، جېجياڭ سودا بانكىسى ئالتۇن كارتىسى، جېجياڭ سودا بانكىسى زىڭجىن كارتىسى، جېجياڭ سودا بانكىسى جىڭدۇڭ پۇل مۇئامىلە بىرلەشمە ئىمزالىق كارتىسى قاتارلىقلاردا ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش مۇلازىمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

   ئەمما، بىر قىسىم بانكىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش كەسپى توختىتىلغاندىن كېيىن، كارتا ئىگىسى شەخسىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ھەربىر ھېسابات تالونىدىكى پۇلنى ئايرىم مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كىرېدىت كارتىسى مەخسۇس خادىمى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كارتا ئىگىسى يان تېلېفون بانكىسى، ئۈندىدار بانكىسى ئارقىلىق ياكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، ھېسابات تالونىدىكى پۇلنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەربىر ھېسابات تالونىنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىشى كېرەك».
   خېرىدار چاقىرىش بىرلەشمىسى پۇل مۇئامىلە باش تەتقىقاتچىسى دۇڭ شىمياۋ ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش كەسپىنىڭ توختىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ كىرېدىت كارتىسى يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك بولۇپ، ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش كەسپى كارتا ئىگىسىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ، ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش كەسپىنى توختاتقاندا كارتا ئىگىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ».

«مۇددەتكە بۆلۈش رەسمىيەت ھەققى»نىڭ نامى «مۇددەتكە بۆلۈش ئۆسۈمى»گە ئۆزگەرتىلىدۇ

   كىرېدىت كارتىسىدىكى ئاپتوماتىك مۇددەتكە بۆلۈش كەسپىنى توختاتقاندىن كېيىن، يېقىندا، يەنە نۇرغۇن بانكىلار «مۇددەتكە بۆلۈش رەسمىيەت ھەققى»نىڭ نامىنى «مۇددەتكە بۆلۈش ئۆسۈمى»گە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
   قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى 7-يانۋاردىن باشلاپ، مەزكۇر بانكا لۇڭكا كىرېدىت كارتىسىدىكى «مۇددەتكە بۆلۈش رەسمىيەت ھەققى»نىڭ نامىنى «مۇددەتكە بۆلۈش ئۆسۈمى»گە تەڭشەيدىكەن، «مۇددەتكە بۆلۈش رەسمىيەت ھەققى نىسبىتى» مۇناسىپ ھالدا «مۇددەتكە بۆلۈش ئۆسۈم نىسبىتى»گە ئۆزگىرىدىكەن، مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆسۈم ھېسابلاش قائىدىسى ئۆزگەرمەيدىكەن.
   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، خۇاشيا بانكىسى قاتارلىق نۇرغۇن بانكىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇقتۇرۇشلارنى چىقاردى. ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشلاردىن قارىغاندا، بۇ تەڭشەش ئاساسلىقى نامنىڭ ئۆزگىرىشىگە چېتىلىدۇ، نۇرغۇن بانكا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەق ھېسابلاش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ھەر قېتىملىق ئەمەلىي قەرز قايتۇرۇش سوممىسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

   بۇنىڭغا قارىتا، دۇڭ شىمياۋ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كىرېدىت كارتا ماھىيەتتە بانكا كارتا ئىگىسىگە تارقىتىدىغان ئاز سوممىلىق كىرېدىت بولۇپ، بۇنىڭدا مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇشتىن پەيدا بولغان خىراجەت كىرىمى رەسمىيەت ھەققى كىرىمىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ھازىر ئۇ ئۆسۈم كىرىمىگە تەڭشىلىپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كىرېدىت كارتىسى كەسپىنىڭ ماھىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى.
   پۇل مۇئامىلە 360 رەقەملىك پەن-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئانالىزچىسى ليۇ يىنپىڭ مۇنداق دېدى: مۇددەتكە بۆلۈپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە ھېسابلاش قائىدىسى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇئامىلىدارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇچۇر تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇئامىلىدارلارنىڭ مۇددەتكە بۆلۈش جەريانىدا پەيدا بولغان خىراجەتكە دىققەت قىلىشىنى ئېنىق ئەسكەرتكىلى بولىدۇ.
   ليۇ يىنپىڭ ئىستېمالچىلارغا كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتىش جەريانىدا ئىككى تەرەپكە نۇقتىلىق دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى: بىرىنچى، پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش، كىرېدىت كارتىسىنىڭ ھېسابات تالونى كۈنى، قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى بىلىۋېلىش، بولۇپمۇ قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى ئەستە ساقلاش، ئامال بار پۇل قايتۇرۇش ئەسكەرتىشىنى بېجىرىپ، پۇل قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، كىرېدىت كارتىسىنىڭ ئۆسۈمى قاتارلىق ھەر خىل چىقىملارنى بىلىۋېلىش كېرەك. بولۇپمۇ مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇش، ئەڭ تۆۋەن چەكتە قەرز قايتۇرۇش سوممىسى قاتارلىق ھەقىقىي يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بانكىلار بۇ كەسىپنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

«مۇددەتكە بۆلۈش رەسمىيەت ھەققى»نىڭ نامى «مۇددەتكە بۆلۈش ئۆسۈمى»گە ئۆزگەرتىلىدۇ