ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نەملىكلەر ياخشى قوغدالماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-24 17:18

نەملىكلەر قوغدىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نەملىكنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىر يۈرۈش تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ نەملىكنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەققىدە يېڭى ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلىپ، تەرەققىيات ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش يەكسەكلىكىدە تۇرۇلۇپ پىلانلىنىپ، نەملىكنى قوغداپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.  
   قىش پەسلىدە كۆركەم نەملىككە پەسىل قۇشلىرى يېتىپ كېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنى نامايەن قىلدى. خۇاڭخې دېلتىسىدىكى نەملىكتە، قۇشلار تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 187 خىلدىن 371 خىلغا كۆپەيدى، ھازىر بۇ يەر شەرق ئاق لەيلىكى ۋە قارا تۇمشۇق چايكىنىڭ يەر شارىدىكى مۇھىم كۆپىيىش ئورنىغا ئايلاندى. روئېرگەي نەملىكىدە سۇ قۇشلىرى كۆلدە توپلىشىپ سۇ ئۈزۈۋاتاتتى. بۇ يەر ئېگىزلىكتە كۆپىيىدىغان دۇنيادىكى بىردىنبىر قارا بويۇن تۇرنىنىڭ يۇرتىغا ئايلاندى. 2-تۈركۈمدىكى «خەلقئارا نەملىك شەھىرى» ئېتىراپنامىسىگە ئەمدىلا ئېرىشكەن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پەنجىن شەھىرى لياۋخې دەرياسى ئېغىزى دۆلەت باغچىسىنى پىلانلاش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە.
   يېقىندا ئېچىلغان «نەملىك ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر 14-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىدېيولۇق سۆز قىلىپ، نەملىكنى قوغداشنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگونىڭ نەملىكنى قوغداشتا قوللىنىدىغان بىر يۈرۈش ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، يەر شارىنىڭ نەملىكنى قوغدىشىنى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
   ئون يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېلىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نەملىكنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قوغداش تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، «نەملىكنى قوغداش قانۇنى»نى چىقىرىپ، نەملىكنىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، جانلىقلارنى كۈنسېرى كۆپ خىللاشتۇردى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ نەملىك كۆلىمى 56 مىليون 350 مىڭ گېكتارغا يەتتى، خەلقئارا دەرىجىلىك مۇھىم نەملىكتىن 64ى، دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم نەملىكتىن 29ى، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىم نەملىكتىن 1021ى بېكىتىلدى، دۆلەت نەملىك باغچىسىدىن 901ى تەسىس قىلىندى. «نەملىك ئەھدىنامىسى»دە 43 خەلقئارالىق نەملىك شەھىرى بېكىتىلدى، جۇڭگودىكى 13 شەھەر بۇ شەھەرلەر قاتارىغا تاللىنىپ، جۇڭگو دۇنيا بويىچە خەلقئارالىق نەملىك شەھىرى سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى.
   يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، نەملىكنى قوغداشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، ئوتلاق، ئورمان، دەريا، كۆل، نەملىكنى  پەرۋىش قىلىشنى يولغا قويۇش شەرت، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. نەملىكنى قوغداش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇن.
   ھازىر ئېگىزلىكتىكى تاغلار ئارىسىدىكى چىڭخەي كۆلىدىن ئېلىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى دېڭىز ساھىلىدىكى نەملىك لياۋخې دەرياسى ئېغىزىغىچە، دەريا، كۆللەر زىچ جايلاشقان ئۈچ دەريا مەنبەسىدىن سازلىق، چىملىق قاپلىغان سۇڭنېنخېشياڭغىچە، ئېلىمىز نەملىك تىپىدىكى دۆلەت باغچىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە نەملىكنى قوغداش پىلانى ۋە نەملىكنى قوغداش زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ نەملىكنىڭ قوغداش ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماقتا. 2030-يىلىغا بارغاندا، نەملىكنى قوغداش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نەملىكلەر ياخشى قوغدالماقتا

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نەملىكنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت