ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا مېڭ ۋەنجۇنى ئەيىبلەشنى ئەمەلدىن قالدۇردى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 09:26

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تەپتىش تەرەپ ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگودىكى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجۇنىڭ ئاتالمىش «بانكا ئالدامچىلىقى» قاتارلىق جىنايەتلىرى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەيىبلەشنى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرغان، تەپتىش تەرەپ بۇ ھەقتە قايتا ئەرز قىلسا بولمايدىكەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مېڭ ۋەنجۇ مۆھلەت ئىچىدە كېچىكتۈرۈپ ئەرز قىلىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلمىدى، شۇڭا ئەيىبلەش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

2021-يىلى 9-ئايدا مېڭ ۋەنجۇ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بۇ كېلىشىمنى ھاسىل قىلىپ، ۋەتەنگە قايتتى.

ئامېرىكا 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەنى مېڭ ۋەنجۇ ئامېرىكىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بىلەن 2018-يىلى كانادادا قولغا ئېلىنىپ تۆت يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭغا بولغان ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا قوشۇلدى.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىدىكى مەيدانىنىڭ ئىزچىل، ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بۇ جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان سىياسىي زىيانكەشلىك ۋەقەسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلىرىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا مېڭ ۋەنجۇنى ئەيىبلەشنى ئەمەلدىن قالدۇردى!

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بۇ جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان سىياسىي زىيانكەشلىك ۋەقەسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلىرىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.