ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چياۋمىنلار جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 14:34

چەت ئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، چوڭقۇر ياد ئەتتى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چەت ئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، چوڭقۇر ياد ئەتتى.

نىكاراگۇئادىكى جۇڭگو چىياۋمىنى شۈ چاڭباۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ۋەتەننىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى ۋە جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرىمەن.

بېلگىيەدىكى جۇڭگو چىياۋمىنى جېڭ جيامىن مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشتى، بىز ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.

چەت ئەلدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

فىلىپپىن-جۇڭخۇا ھەر ساھە بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ياڭ خۇاخۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چياۋمىنلار جياڭ زېمىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى

چەت ئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، چوڭقۇر ياد ئەتتى