ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

250 مىڭ يۈەن ساقلاپ قېلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 19:12

«مەن تۈرمىدە ياتىدىغان بولدۇم!»

يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ شەھىرىدىكى بىر بانكىنىڭ تىجارەت زالىدا بىر ئايال ساقچىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟

شۇ كۈنى، بۇ ئايال بانكىغا كېلىپ ھېساباتىدىكى مالىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە قەرەللىك ئامانەت پۇلىنى نەقلەشتۈرۈپ باشقا ھېساباتقا يۆتكىمەكچى بولدى. خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭدىن بۇ پۇلنى يۆتكەشتىكى مەقسىتىنى سورىغاندا، ئۇ بىردىنلا جىددىيلىشىپ: «مەن ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك، تۈرمىدە ياتىدىغان بولدۇم» دەپ ۋارقىراپ كەتتى. خىزمەتچى خادىملار بۇ ئايال تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ھۆكۈم قىلدى ھەمدە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى. 

لوشىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى شېن خاۋ مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈردى، ئۇ ئايال ساقچىلارنى كۆرۈپ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ، «چاتاق بولدى! سىلەر مېنى تۇتقىلى كەلدىڭلار-ھە!» دېدى.

ساقچىلار ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ نەسىھەتكە زادىلا قۇلاق سالمىدى، يان تېلېفونىنى كەينىگە تىقىۋېلىپ، «يان تېلېفونومنى كۆرسەڭلار بولمايدۇ، كۆرسەڭلار مەن تۈرمىدە ياتىمەن» دەپ يىغلىدى. خەلق ساقچىسى شېن خاۋ ئۇ ئايالنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ يەتتى ھەمدە ساقچىغا «مەن بارلىق بانكا كارتا نومۇرۇم ۋە بۇ كارتىلارنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۇلارغا ئېيتتىم، ئەمدى قانداق قىلىمەن؟» دېدى.

ساقچىلار دەرھال ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ بارلىق بانكا كارتىسىنى توڭلاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 250 مىڭ يۈەن پۇلى ساقلاپ قېلىندى. ئۇ ئايال ساقچىلارغا ئىگىلىپ تازىم قىلىپ «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار، مەن مىڭبىر جاپادا يىغقان پۇلۇمنى يوقىتىپ قوياتتىم!» دېدى.

ئەسلىدە، بۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، سوت مەھكىمىسى نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغان تىپىك ئالدامچىلىق دېلوسى ئىكەن. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، بۇ ئايال «باشقا ئۆلكە ساقچىسى» دېيىلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇلار «سىز ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىلىپ قالدىڭىز، ھېساباتىڭىزدىكى پۇلنى بىخەتەر ھېساباتقا يۆتكىشىڭىز كېرەك، ئەگەر بۇ خەۋەر ئاشكارىلانسا جازاغا تارتىلىسىز» دېگەن. بۇ ئايال قارشى تەرەپنىڭ «ساقچى كىنىشكىسى» ۋە «تۇتۇش بۇيرۇقى»نى كۆرگەندىن كېيىن بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغان.

ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى:
1. كەلگەن تېلېفون نومۇرىغا دىققەت قىلىڭ. بۇ خىلدىكى دېلولاردا، كۆپ ساندىكى تېلېفونلار نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئۇرۇلىدۇ، كەلگەن تېلېفونلارنىڭ ئالدىدا «+» ياكى «00» قاتارلىقلار بولىدۇ، ئەگەر بۇ خىل نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، شەكسىز ئالدامچىلىق تېلېفونى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
2. ئەدلىيە ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خادىملىرى ھەرگىزمۇ تېلېفون، ئۈندىدار قاتارلىق يۈزمۇيۈز كۆرۈشمەيدىغان شەكىللەر بىلەن مەبلەغنى تەكشۈرۈش، پۇلنى «بىخەتەر ھېسابات»قا يۆتكەشنى تەلەپ قىلمايدۇ. تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق پۇل يۆتكەش، پۇل پېرېۋوت قىلىش، مەبلەغنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق، ھەرگىز ئىشەنمەڭ، پۇل يۆتكىمەڭ.
3. بۇ خىل ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئالدى بىلەن تەۋەلىكتىكى ساقچىخانا ياكى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 96110غا تېلېفون قىلىڭ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

250 مىڭ يۈەن ساقلاپ قېلىندى

ساقچىلار دەرھال ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ بارلىق بانكا كارتىسىنى توڭلاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 250 مىڭ يۈەن پۇلى ساقلاپ قېلىندى.