ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوۋاقنىڭ گېلىغا ئۈزۈك تۇرۇپ قىلىپ...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-06 09:09

يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرىدە 10 ئايلىق بولغان بىر بوۋاقنىڭ گېلىغا ئۈزۈك تۇرۇپ قالدى. بوۋاقنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان خەتەرلىك پەيتتە، دوختۇر سۈيدۈك ئۆتكۈزۈش نەيچىسىنى ئىشلىتىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۈزۈكنى تارتىپ چىقىرىۋالدى.

بالا ئۇقماستىن ئۈزۈكنى يۇتۇۋالدى، دوختۇر نەيچە بىلەن ئۈزۈكنى چىقاردى

1-دېكابىر كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا، يىۋۇ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بەش ئەزا ۋە ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فېڭ چاڭگوغا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكىلەر  تېلېفون قىلىپ، 10 ئايلىق بولغان بىر بوۋاقنىڭ گېلىغا ئۈزۈك تۇرۇپ قالغانلىقى، ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دوختۇر فېڭ چاڭگو دەرھال بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۈزۈكنىڭ بالىنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا تۇرۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

ئۈزۈك قىزىلئۆڭگەچنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بولغاچقا، تەكشۈرۈپ كۆزىتىش ئۈچۈن قىزىلئۆڭگەچ ئەينىكى ئىشلىتىش كېرەك ئىدى. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىشقا توغرا كېلەتتى. فېڭ دوختۇر بالىنىڭ يېشىنىڭ بەك كىچىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يۇمشاق نەيچىنى ئىشلىتىپ «بېلىق تۇتۇش» ئۇسۇلى بىلەن ئۈزۈكنى چىقارماقچى بولدى.

 

بالىنى مۇقىملاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، فېڭ دوختۇر بالىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، بىر تال يۇمشاق نەيچىنى ئاستا-ئاستا بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا كىرگۈزدى، بالىنىڭ ئاستا-ئاستا يۇتۇشىغا ئەگىشىپ نەيچە قىزىلئۆڭگەچكە كىردى. فېڭ دوختۇر ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىز سۈيدۈك ئۆتكۈزۈش نەيچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئۈزۈكنىڭ ئورنىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ ئىگىلىدۇق. سۈيدۈك ئۆتكۈزۈش نەيچىسىنىڭ ئۇچىدىكى يەل خالتىسى ئۈزۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى پەملىگەندىن كېيىن، يەل خالتىسىغا تەخمىنەن 10 مىللىلىتىردىن 15 مىللىلىتىرغىچە يەل بەردۇق. ئاندىن نەيچىنى ئاستا-ئاستا بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىن تارتىپ چىقاردۇق، تارتىپ چىقىرىش جەريانى بەئەينى قارماققا ئىلىنغان بېلىقنى تارتىپ چىقارغانغا ئوخشاش بولدى».

 

بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈزۈك ئوڭۇشلۇق تارتىپ چىقىرىلدى، بالىنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى، ھازىر بوۋاقنىڭ تۈرلۈك ھاياتلىق ئالامەتلىرى نورمال.

ئەسكەرتىش: بالىلارغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى بىخەتەر جايغا قويۇش كېرەك

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە بالا ئانىسىنىڭ ئۈزۈكىنى ئويناۋاتقان بولۇپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۈزۈكنى يۇتۇۋالغان. بالىنىڭ دادىسى خې ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنى ئويلىسام ھازىرمۇ بەدىنىمنى تىترەك باسىدۇ، فېڭ دوختۇرغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن بىز بالىغا چوقۇم ياخشى قارايمىز.

فېڭ دوختۇر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىلار كىچىك بالىلارغا قارىغاندا كۆپرەك دىققەت قىلىشى، بالىلارنىڭ قولى يېتىدىغان، ئېغىزىغا سېلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان نەرسىلەرنى چوقۇم بىخەتەر جايغا قويۇپ قويۇشى، ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە، دەرھال تېببىي خادىملاردىن ياردەم سورىشى كېرەك.

تورداشلار بۇ خەتەرلىك كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن بەس-بەستە: «تولىمۇ خەتەرلىك ئىش بوپتۇ! ئاتا-ئانىلار بالىلارغا چوقۇم ياخشى قارايلى!»، «دوختۇرنىڭ  داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى ئىكەن، دوختۇرغا ئاپىرىن!» دېيىشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوۋاقنىڭ گېلىغا ئۈزۈك تۇرۇپ قىلىپ...

يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرىدە 10 ئايلىق بولغان بىر بوۋاقنىڭ گېلىغا ئۈزۈك تۇرۇپ قالدى.