ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلغانلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-22 10:17

مەركەز ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى «تورنى ساپلاشتۇرۇش. 2023-يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى تور مۇھىتىنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى

مەركەز ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، چاغان مەزگىلىدە خۇشال-خۇراملىققا تولغان ياخشى تور ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن،  «تورنى ساپلاشتۇرۇش. 2023-يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى تور مۇھىتىنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

1.خىزمەت نىشانى

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالقىلاردىكى تور ئېكولوگىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چاغان مەزگىلىدە توردا كۆرۈلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە قالايمىقانچىلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ناچار مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ، تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، تور ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، مەدەنىي، ساغلام چاغانلىق تور ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.

2.خىزمەت ۋەزىپىسى

بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ۋاقتى شۇ كۈندىن باشلاپ 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ، كونكرېت تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىكى مەسىلە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

(1) «ئەگەشكۈچىلەر چەمبىرىكى»نى تۈزەش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، ياخشى تور مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئېكولوگىيەسىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. بىرىنچىدىن، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى، چاغانلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارغا يېقىندىن دىققەت قىلىش، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەگەشكۈچىلەرنى كۈشكۈرتۈپ، بىر-بىرىنى ھاقارەتلەش، بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش، قارشىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش، «ئەگەشكۈچىلەر چەمبىرىكى» مەسىلىسىنىڭ تەنتەربىيە، ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق باشقا ساھەلەرگە يامراپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چاغان مەزگىلىدە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدە چولپانلار تور ئۇچۇرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پىتنە-ئىغۋا، شەخسىي سىرغا چېتىشلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئاممىۋى سۇپا بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تور بېكىتى ۋە سۇپىلارنىڭ چاغانلىق پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ چولپانلارنى باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇشى، ئەگەشكۈچىلەرنى شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇللاردا يېتەكلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن، تۈرلۈك ناچار «تور داڭدارلىرى» مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەش، كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش، ئۆزىنى قەستەن ھەجۋىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ناچار قىلمىشلىرى بار «تور داڭدارلىرى»نى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، جازا ئۆتەش تارىخىنى كۆز-كۆز قىلغان، جازا ئۆتەۋاتقان تۇرمۇشنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان ئاتالمىش «رىغبەتلەندۈرگۈچى تور داڭدارلىرى»نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

(2) توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش، بولۇشىغا يەپ-ئىچىشنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ناچار كەيپىياتنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بىرىنچىدىن، «قىممەت باھالىق چاغانلىق تاماق»، «قىممەت باھالىق يىللىق مۇكاپات»، «ھەددىدىن زىيادە كۆپ بايراملىق پۇل»، «يۇقىرى سوممىلىق قىزىل بولاق»، «ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ»، «كاتتا تويلۇق» قاتارلىق ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى كۆز-كۆز قىلغان سۈرەت، سىن، يېزىق ئۇچۇرلىرىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش، يامان غەرەزدە بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش، قەستەن بەسلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يول قويماسلىق كېرەك. ئىككىنچىدىن، چاغان مەزگىلىدە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشنى قەستەن كۆز-كۆز قىلغان كۆرۈنۈشلەر، ئىسراپچىلىقنى تەرغىب قىلغان ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

(3) توردا قىمار ئويناشقا تەشكىللەش، تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، قىمار ئويناشقا يېتەكلەيدىغان ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ئېنىقلاش، چاغان مەزگىلىدە قىمار سودىسى تەشكىللىگەن قانۇنسىز تور بېكەت-سۇپىلارنى قەتئىي تاقاش، شاھمات، قارتا تۈرىدىكى كىچىك ئويۇن، بايلىق تالىشىش ئويۇنى قاتارلىق ناملار بىلەن قىمار ئويناش ياكى توپ قۇرۇش، قىزىل بولاق تارقىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىپ توردا قىمار ئويناش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، «چاغانلىق يولۇچى توشۇش قىزىل بولىقى تولۇقلىمىسى»، «چاغاندا بەخت يىغىش»، «بەخت كارتىسىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش» قاتارلىق ناملار بىلەن تور ئالدامچىلىقى قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تۈزەش، «قىزىل بولاق يامغۇرى»، «قوي يۇڭى قىرقىش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئالداپ زاكاز چۈرۈشكە يېتەكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

(4) فېئودال خۇراپاتلىق ۋە ناچار ھادىسىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، فېئودال خۇراپاتلىق، ناچار ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىدىغان تېما، سىن ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق ئېنىقلاش، پال ئېچىش، رەم سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چاكىنا كىيىنىشتەك ئۇسۇللار بىلەن «مېھمانساراي ساھىبجامالى»، «مەنزىرە نۇقتىسى ساھىبجامالى»، «قارلىق دالا ساھىبجامالى»، «سەھرا ساھىبجامالى»، «تاماق توشۇغۇچى ساھىبجامال» قاتارلىق ھەر خىل چاكىنا ئوبرازلارنى يارىتىپ، كۆپتۈرمىچىلىك بىلەن ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇش مەسىلىلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك.

(5) توردا بوزەك قىلىش، تورغا مەستانە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بوزەك قىلىش، چاكىنىلاشتۇرۇش، ياكى خەتەرلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا قىزىقتۇرۇش مەزمۇنىدىكى سىنلارنى مەركەزلىك ئېنىقلاپ، «توردىكى داڭدار بالىلار»دىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى داۋاملىق تۈزەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بالىلار ئوينايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر، تور ئويۇنى، ئويۇننى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلار، زوراۋانلىق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھېسابات نومۇرىنى ئىجارىگە بېرىش ۋە ئىجارىگە ئېلىشنى مەركەزلىك تۈزەش، ئاتا-ئانىلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوينايدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى ئورنىتىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ تورغا مەستانە بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

(6) ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تۈزەپ، ناچار كەيپىيات تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، چاغان مەزگىلىدە ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، يېمەكلىك تازىلىقى، بىخەتەرلىك ھادىسىسى قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قىلمىشلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن پىتنە-ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پاكىتنى ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، توردا تارقالغان يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋالارنى تۈزەش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، چاغان مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ يۈزلىنىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ئەڭ يېڭى سىياسەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ۋىرۇسقا قارشى مەخپىي رېتسېپ ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ساختا كېسەللىك تارىخى توقۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنى ئازدۇرۇش، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يىل ئاخىرىدا قەرزىنى ئالالماسلىق، ۋەيران بولۇش، نامراتلىق ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قىلىش قاتارلىق ساختا ئەھۋاللارنى توقۇپ چىقىش، ھېسسىيات ماجىراسى، ئائىلە ئەخلاقىغا خىلاپ ئەھۋاللار بايان قىلىنغان چاكىنا تىياتىر ۋەقەلىكىدىن پايدىلىنىپ تور ئەھلىنى ئىستېمالغا قىزىقتۇرۇش قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يۇرتقا قايتىش خاتىرىسى، يۇرتتا كۆرگەن-ئاڭلىغانلار قاتارلىق ناملاردا ساختا ئۇچۇرلار بىلەن قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ۋەھىمىلىك كەيپىيات تارقىتىش، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆپتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش كېرەك.

3. خىزمەت تەلىپى

(1) پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جايلاردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نىشان، ۋەزىپە ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئېنىقلاپ ۋە تۈزەپ، مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

(2) خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. جايلاردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى تور بېكەت-سۇپىلار بىلەن بىرلىكتە نۇقتىلىق ھالقىلارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باش بەت، باش ئېكران، قىزىق نۇقتا تىزىملىكى، قىزىق تېما، قىزىق نۇقتىلارنى تەۋسىيە قىلىش، PUSH سەكرىمە كۆزنەك، ئۇچۇر ئېقىمى، باھا يېزىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى سەھىپە ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

(3) سۇپا مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق تور بېكەت-سۇپىلارنىڭ خىزمەت مەخسۇس بەنىنى قۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، چاغان مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىش، مەسىلە ۋە يوچۇقلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، مەزمۇننى تەكشۈرۈش-باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

(4) بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان تور بېكەت-سۇپا، ھېسابات نومۇرى ۋە ئالاقىدار MCN ئورگانلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مەخسۇس ھەرىكەت خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش، مۇۋاپىق پەيتتە تەشۋىق قىلىش ۋە ئاشكارىلاش، چۆچۈتۈش تەسىرى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلغانلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!

مەركەز ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى «تورنى ساپلاشتۇرۇش. 2023-يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى تور مۇھىتىنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى