ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغانلىق كېچىلىكنى تارقىتىش مىقدارىدا يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-22 15:55

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2023-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» 1-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن باشلاپ يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلارغا توشقان يىلىدىكى گۈزەل تىلەكلەرنى يەتكۈزدى، كېچىلىكتە، تۈرلۈك ئېسىل نومۇرلاردا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمراھ، VR ئۈچ ئۆلچەملىك سىزمىسى، 8Kلىق سۈزۈكلۈك، ئۈچ ئۆلچەملىك ئۆزگىچە ئاۋاز، تىك ئېكرانلىق كۆپ كۆرۈنۈش قاتارلىق ئىستانسىمىزنىڭ يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئارقا-ئارقىدىن يارقىن نۇقتىلار نامايەن قىلىندى، نادىر نومۇرلار كۆرسىتىلدى. يېڭى تاراتقۇلارنىڭ چېكىلىش سانى ۋە چەتئەللەرگە تارقىتىش مىقدارىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24 كىچە، «2023-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نى تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە تارقىتىشنىڭ ئوتتۇرىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى %20.23 كە يەتكەن. يېڭى تاراتقۇ ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرگەنلەر 655 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %47.7 ئاشقان، چوڭ ئېكراندىن چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرگەنلەر 179 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %50 ئاشقان. مەركەز ۋىدىيوسى تېرمىنالىنىڭ 2023-يىللىق چاغانلىق كېچىلىكتە ھەمتۈرتكە بولۇش سانى 108 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

باش ئىستانسىمىز چاغانلىق كېچىلىكنى 68 خىل تىلدا يەر شارىدىكى تاماشىبىنلارغا ئۇلاپ كۆرسەتتى ياكى خەۋەر قىلدى، ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ياپونىيە، بىرازىلىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سىنگاپور، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 170 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ 1000 دىن ئارتۇق تاراتقۇسى چاغانلىق كېچىلىكنى تەڭ قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسەتتى ۋە خەۋەر قىلدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغانلىق كېچىلىكنى تارقىتىش مىقدارىدا يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2023-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» 1-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن باشلاپ يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلارغا توشقان يىلىدىكى گۈزەل تىلەكلەرنى يەتكۈزدى،