ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنى خۇشاللىققا چۆمدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 11:01

چاغاندا ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنى خۇشاللىققا چۆمدى، كىشىلەر مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، گۈزەل دەقىقىلەرنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرلەندى.

چاغاننىڭ ھارپا كېچىسىدە، جايلاردا باش تېمىلىق چىراغلار، ساليۇتلار كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى. چۇڭچىڭدا چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئويۇنى تاغلىق شەھەرنى جۇلالاندۇرۇپ، بايرامدا كىشىلەرنى تاغ، سۇ، شەھەر بىر گەۋدە قىلىنغان ئۆزگىچە كۆرۈنۈشنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شېنجېندا نۇرغۇن بەلگە ئىمارەتلەر رەڭگارەڭ بېزىلىپ، كۆركەم ۋە زامانىۋى تۈسكە كىردى. فۇجەننىڭ فۇجۇ، شەنشىنىڭ شىئەن قاتارلىق جايلاردا كىشىلەر سوليوت ئويۇنىنى تاماشا قىلىپ، كەلگۈسى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى بىرلىكتە تىلىدى. 

چىڭداۋنىڭ شىخەيئەن يېڭى رايونىدا چاغانلىق پانۇسلار بەختلىك «جۇڭگو يىلى»نى جۇللاندۇردى. خېنەننىڭ شىنشياڭدا تۆت چوڭ باش تېمىلىق پانۇسلار گۇرۇپپىسى باۋچۈەن جىلغىسىنى يورۇتۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

چاغان مەزگىلىدە خەينەننىڭ چىليەنيۈدىكى جاۋشۇ ئارىلى، بېيداۋ ئارىلى قاتارلىق ئاراللاردىكى بېلىقچىلار بىلەن خىزمەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىللىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

چاغاننىڭ ھارپا كېچىسى قوڭغۇراق چېلىش ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بەخت تىلەش ئۇسۇلى، قوڭغۇراق ئاۋازى ۋۇيۆ چوققىسىدا چېلىندى، كىشىلەر يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاسايىشلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى تىلىدى. چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، جايلاردا مول مەزمۇنلۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، جايلار چاغان كەيپىياتىغا چۆمدى. سەنشىنىڭ پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىدە كىشىلەر شەھەر سېپىلغا چىقىپ، يېڭى يىلدا ئىشلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. بېيجىڭنىڭ فېڭخۇاڭلىڭدا چاغانلىق باغچا سەيلىسى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلاندى، 80 دىن ئارتۇق غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى كىشىلەرگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىنى ھېس قىلدۇردى.

چاغاندا جېجياڭنىڭ چۈنئەندىكى شياجياڭ كەنتى ئادەتتىن تاشقىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، بۇ يەردە كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنى ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي يەنە بىر مەيدان ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە دارامەت تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، كىشىلەرنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا بولغان غەيرىتى ئۇرغۇدى.

چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، قىسىملاردىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزدى، گازارمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتى قويۇق چاغان كەيپىياتىغا چۆمدى. ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنلىرى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە ئېسىل مەدەنىيەت ئوزۇقى ئاتا قىلدى، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆزگىچە چاغانلىق تامىقى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، بايرام مەزگىلىدە ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرمۇ ئۆزگىچە ئۇسۇل ئارقىلىق ۋەتەنگە، خەلققە بەخت تىلىدى.

چاغان مەزگىلىدە، شياڭگاڭنىڭ كوچىلىرىغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، خۇشاللىق ئاتا قىلدى، توشقان يىلىدىكى نەپىس پانۇسلار شياڭگاڭنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى يورۇتتى.

چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، «ئەجدىھا ئۇسسۇلى بىلەن چاغاننى تەبرىكلەش» ئالتۇن ئەجدىھا سەيلىسى قاتارلىق چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئاۋمېنغا قويۇق چاغان كەيپىياتى ئاتا قىلدى.

تەيۋەندە نۇرغۇن ئامما گۈل بازىرىغا بېرىپ گۈل سېتىۋېلىپ، چاغاننى كۈتۈۋالدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنى خۇشاللىققا چۆمدى

چاغاندا ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنى خۇشاللىققا چۆمدى، كىشىلەر مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، گۈزەل دەقىقىلەرنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرلەندى.