ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ پارتلاش ۋەقەسىدە 93 ئادەم ئۆلدى، 221 ئادەم يارىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 08:33

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس پاكىستاننىڭ پېشاۋۇردىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

شۇ جاي ۋاقتى 30-يانۋار، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ پېشاۋۇردىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 31-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پارتلاشتا ئاز دېگەندىمۇ 93 ئادەم قازا قىلغان، 221 ئادەم يارىلانغان.

سۈرەت: ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس

 

گۇتېررېس باياناتىدا يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

پاكىستاننىڭ پېشاۋۇردىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 93 ئادەم قازا قىلىپ، 221 ئادەم يارىلاندى.

شۇ جاي ۋاقتى 30-يانۋار، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پېشاۋۇر شەھىرىدىكى بىر مەسچىتتە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. پېشاۋۇردىكى رېدىڭ خانىم دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، 31-يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15:45 مىنۇتقىچە، پارتلاش ۋەقەسىدە 93 ئادەم قازا قىلغان، 221 ئادەم يارىلانغان.

 بۇ−پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەسچىتنىڭ ۋەقەدىن كېيىنكى ھالىتى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ پارتلاش ۋەقەسىدە 93 ئادەم ئۆلدى، 221 ئادەم يارىلاندى

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس پاكىستاننىڭ پېشاۋۇردىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى