ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

9 جۇڭگو پۇقراسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، 1 بىر ئادەم قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 08:31

جۇڭگونىڭ ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يېقىندا ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشنى، خەتەرلىك جايلارغا بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.

 30-يانۋار كەچتە، 9 نەپەر جۇڭگو پۇقراسى ئورومىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا، پايتەخت ئەددىس ئەبېبەگە تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدىغان Gebre Guracha بازىرىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم بەختكە قارشى ئوق تېگىپ قازا قىلدى. 

نۆۋەتتە، ئېفىيوپىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇش توختىغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن رايونلاردا قەبىلىلەر توقۇنۇشى، دىنىي زىددىيەت يەنىلا كەسكىن بولماقتا، بولۇپمۇ ئورومىيە ئىشتاتى ئەتراپى ۋە باشقا ئىشتاتلار بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلاردا، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق قەبىھ دېلولار كۆپ يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى، بۇ رايونلار ئىنتايىن خەتەرلىك. ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئېفىيوپىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىغا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىخۇدلۇقتىن ساقلىنىپ، خەتەرلىك نۇقتىلاردىن يىراق تۇرۇش، خەتەرلىك رايونلارغا بارماسلىق، ئەگەر تۇرۇۋاتقان ئورنى خەتەرلىك رايوندا بولسا، دەرھال بىخەتەر رايونغا چېكىنىش كېرەك. خەتەرلىك رايونغا يېقىن جايلاردا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، ئامانلىق قوغداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت چېكىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

● ئېفىيوپىيەنىڭ يەرلىك ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى: 991 

● دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنياۋى كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش - جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە چاقىرىش مەركىزىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 0086-10-12308 ياكى 0086-10-59913991

●  ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كونسۇل قوغداش تېلېفونى: 0911686415

中央广播电视总台 央广网 版权所有

9 جۇڭگو پۇقراسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، 1 بىر ئادەم قازا قىلدى

جۇڭگونىڭ ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يېقىندا ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشنى، خەتەرلىك جايلارغا بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.