ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توپچىلار بۇ خىل ئۇسۇلدا چاغاننى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 08:33

بېيجىڭ ۋاقتى 30-يانۋار سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە پارىژ ساينىت ژېرماين كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى ئۈستىگە خەنزۇچە ئىسمى بېسىلغان توپ كىيىمى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى، بۇ توپ مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇردى ۋە تەسىرلەندۈردى.

گەرچە پارىژ ساينىت ژېرماين كوماندىسى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا كۆپچىلىككە چاغانلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇ كۇلۇبقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى.

چاغان مەزگىلىدە، ئۈستىگە خەنزۇچە ئىسمى بېسىلغان توپ كىيىمى كىيىپ مەيدانغا چىققانلار پەقەت پارىژ ساينىت ژېرماين كوماندىسىلا ئەمەس. ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇب لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يېڭىدىن چېمپىيون بولغان خەلقئارا مىلان كوماندىسىمۇ ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۈستىگە خەنزۇچە ئىسمى بېسىلغان توپ كىيىمى كىيىپ مۇسابىقىگە چۈشتى.

بۇ كۇلۇب چاغاننى تەبرىكلەش ئۈچۈن يەنە ئالايىتەن چاغانلىق مەسنەۋى، قىزىل بولاق، بەخت خېتى چاپلىمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەپ، كىشىلەرگە قويۇق چاغان كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى.

چاغان مەزگىلىدە فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندىلاردىن باشقا يەنە ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى بىلەن ئارسىنال پۇتبول كۇلۇبىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى «كونا رەقىب»لەرمۇ ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۈستىگە خەنزۇچە ئىسمى بېسىلغان بايراملىق مەيدانغان چىقىش كىيىمىنى كىيدى.

قىزىل رەڭنى ئۆزلىرىنىڭ توپ كىيىمىنىڭ ئاساسىي رەڭگى قىلغان بۇ ئىككى كوماندا بۇ خىل ئۆزگىچە تەبرىكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق توپ مەستانىلىرىغا بايراملىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا بىر مەيدان ئېسىل مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆز كوماندىلىرىنىڭ مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇردى.

توپ مەستانىلىرىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسابىقە كۆرمەيدىغان ئادەمنى توپ مەستانىسى دېگىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي توپ مەستانىسى ئەمەسلەر خەنزۇچە ئىسمى بېسىلغان توپ كىيىمىگە يوشۇرۇنغان قىزغىن چاغانلىق تىلەكلەرنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇنداقلا دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تەنھەرىكەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ۋە سىغدۇرۇشچانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىرلىق «سېھرىي كۈچ»نى ھېس قىلالمايدۇ.

قىسقىسى، 

بىز بۇ توپ كىيىملىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن چاغانلىق تىلەكلەرنى قوبۇل قىلدۇق!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توپچىلار بۇ خىل ئۇسۇلدا چاغاننى تەبرىكلىدى

بېيجىڭ ۋاقتى 30-يانۋار سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە پارىژ ساينىت ژېرماين كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى ئۈستىگە خەنزۇچە ئىسمى بېسىلغان توپ كىيىمى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى،