ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىڭىزنىڭ ئېگىزلىكى ئۆلچەمگە يەتتتىمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-13 15:32

    يېقىندا، دۆلىتىمىزدە يېڭى نۇسخىدىكى «يەتتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمى» يولغا قويۇلدى، بۇنىڭدا ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ئېنىق بەلگىلەندى. يېڭى ئۆلچەمدە بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە دائىر قانداق ئۆلچەملەر بەلگىلەنگەن؟ بالىلارنىڭ يېتىلىشى ئاستا ياكى ئاستا ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟ باھار پەسلى ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ بويى ئۆسىدىغان ئالتۇن مەزگىلمۇ؟ قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تېخىمۇ ئېگىز ئۆسۈشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟

 

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى ئۆلچەمدە يەتتە ياشتىن تۆۋەن ئوغۇل ۋە قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى، باش ئايلانمىسى قاتارلىق بەش كۆرسەتكۈچنىڭ پىرسەنت سانى ۋە ئۆلچەملىك پەرق سانى كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈش سەۋىيەسى، ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى ۋە باھالاش ئۇسۇلى بەلگىلەنگەن. بۇ ئۆلچەمنى قوللانغاندا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سەۋىيەسى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى باھالىغىلى بولىدۇ. بۇ «ئۆلچەم» ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆلچەم بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى بىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

بالىڭىزنىڭ ئېگىزلىكى ئۆلچەمگە يەتتىمۇ؟ يېڭى نۇسخىدىكى «ئۆلچەم»دىن قانداق پايدىلىنىمىز؟

 

 

كىچىك بالا بار نۇرغۇن ئائىلىلەردە بوي ئېگىزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ بار، ئاتا-ئانىلار پات-پات بالىلارنى تام تۈۋىدە ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەپ تۇرىدۇ. بىراق ئۆلچىگەندىن كېيىن بالىنىڭ ئېگىزلىكى ئۆلچەمگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ بۇنىڭغا يېڭى نۇسخىدىكى «يەتتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمى»گە ئاساسەن ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ.

ئۇنداقتا يېڭى ئۆلچەمنى قانداق قوللىنىمىز؟ بۇنىڭ ئىچىدىكى پىرسەنتلىك سانلىق قىممەت كونكرېت نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇخبىر يېڭى «ئۆلچەم»نىڭ ئاساسلىق تەييارلىغۇچىسى پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئۆسۈپ يېتىلىشنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى خۇينى زىيارەت قىلدى، ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ باقايلى.

پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئۆسۈپ يېتىلىشنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى خۇي: «ئۆلچەم»نىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۈزلۈك نىسبەت ۋە ئۆلچەملىك پەرقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بار. ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۈزلۈك نىسبەت ئۇسۇلى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك. يۈزلۈك نىسبەت ئۇسۇلى دېگىمىز، ئوخشاش ياشتىكى يۈز بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا تىزغاندا، 50-ئورۇنغا تىزىلغىنىنى ئوتتۇرىچە سەۋىيە، 3-دىن 97-گىچە بولغان ئارىلىقنى نورمال دائىرە دەيمىز. 3-دىن تۆۋەن بولسا بويى پاكار، 97-دىن يۇقىرى بولسا بويى ئېگىز بولغان بولىدۇ.

بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاستا ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

 

تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە نوپۇس ئەھۋالىغا ئاساسەن مۆلچەرلىنىشىچە، ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ پارپا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %3 ئىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 4 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان داۋالاشقا ئېھتىياجلىق پاكار بالا تەخمىنەن 7 مىليونغا يېتىدىكەن. بەزى بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالامنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇپ قالدىمۇ، دەپ دائىم ئەندىشە ئىچىدە تۇرماقتا. بۇ مەسىلىگە قانداق قىلغاندا ئىلمىي ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئۆسۈپ يېتىلىشنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى خۇي: ئادەتتە بويى پاكار ياكى ئۆسۈشىنىڭ ئاستا بولۇش ئەھۋالىنى ئاساسلىقى ئوخشاش ياشتىكى ئوخشاش جىنسلىق بالىلارنىڭ ئۆسۈش ئۆلچىمى بويىچە كۆزىتىش كېرەك. بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى يۈزدە ئۈچ ئۈلۈشتىن تۆۋەن بولسا ياكى ئىككى ئۆلچەملىك پەرقتىن تۆۋەن بولسا، بويى پاكار ھېسابلىنىدۇ. ئاستا ئۆسۈشنى بايقاشنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى بار، بۇنىڭدا مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئۆسۈش سۈرئىتىگە قاراش كېرەك، ئىككى ياشتىن يەتتە ياشقىچە، ئەگەر ھەر يىلى بويىنىڭ ئۆسۈشى 5 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولسا ئۆسۈشى ئاستا بولغان بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىسى ئىستېمال قىلىشنىڭ بوينىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقەتەن ياردىمى بولامدۇ؟

 

 مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر يېڭى نۇسخىدىكى «ئۆلچەم»گە سېلىشتۇرغاندا بالىنىڭ بەزى ئۆسۈش كۆرسەتكۈچلىرىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئوزۇقلۇققا موھتاج، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار دائىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ بالىلىرىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىغا ئاتالمىش ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇۋۋەت دورىلىرىنى يېگۈزىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئۆسۈپ يېتىلىشنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى خۇي: ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى يېمەكلىكتىن كېلىدۇ، يەنى ھەر كۈنى غىزا يېيىش ئارقىلىق تېنىمىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇل. بەزى بالىلارنىڭ تېنى ئاجىزراق بولىدۇ، بۇ ئۇلاردا غىزالىنىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بەزى كېسەللىكلەر بارلىقى ياكى ئۇلاردا تاماق تاللاش ئادىتى بارلىقىنىڭ ئىپادىسى، بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى تەڭپۇڭ بولمىغاندا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىلىرى ئارقىلىق ئۇلاردىكى كەم ئوزۇقلۇقلارنى ۋاقىتلىق تولۇقلىساق بولىدۇ، لېكىن نورمال بالىلارغا نىسبەتەن بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

باھار پەسلى بالىلار بوي تارتىدىغان ئالتۇن مەزگىلمۇ؟

 

ھازىر باھار كېلىپ مېۋىلەر چېچەكلەپ، ئوت-چۆپلەر بىخ سۈرۈشكە باشلىدى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باھار پەسلى بالىلار بوي تارتىدىغان ئالتۇن مەزگىل دەپ قارايدۇ، راستتىنلا شۇنداقمۇ؟

پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئۆسۈپ يېتىلىشنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى خۇي: بۇنىڭمۇ بەلگىلىك ئاساسى بار، ئەمەلىيەتتە بىر يىلدا ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىل بولغاندەك، بالىلارنىڭ يېتىلىشىدىمۇ ئوخشىمىغان باسقۇچلار بولىدۇ. قىش كەلگەندە بەدەن ئېغىرلىقى بىرقەدەر تېز ئېشىشى مۇمكىن، ئەمما بويى نىسبەتەن ئاستىراق ئۆسىدۇ. چۈنكى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش، بالىلارمۇ قۇياش نۇرىغا، ساپ ھاۋاغا موھتاج، قىشتا ئۆي ئىچىدە ئولتۇرىدىغان ۋاقىت بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش، ساپ ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئاز بولىدۇ. باھاردا ھەممە مەۋجۇدات ئويغانغاندا، بالىلار كۆپرەك سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلسا، قۇياش نۇرى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسا بويىنىڭ ئۆسۈشىگە چوقۇم پايدىسى بار. شۇڭا كۆپ ساندىكى بالىلار (بوۋاقلاردىن باشقا)نىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى يېرىم يىلدا كېيىنكى يېرىم يىلدىكىدىن تېز بولىدۇ.

قايسى ئامىللار بوينىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بالىلار قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئېگىز ئۆسەلەيدۇ؟

 

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ بويى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆسىدۇ، لېكىن ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە بىرقەدەر تېز ئۆسىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئومۇمەن بالىلىرىنىڭ بويىنىڭ ئېگىز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنداقتا بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار زادى قايسىلار؟ قانداق قىلغاندا بالىنىڭ تېخىمۇ ئېگىز ئۆسۈشىگە ياردەم قىلغىلى بولىدۇ؟

پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئۆسۈپ يېتىلىشنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى خۇي: بەدەن ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، بىز ئۇنى ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىساق بولىدۇ، بىرى ئىچكى ئامىل، يەنە بىرى تاشقى ئامىل. ئىچكى ئامىل ئىچىدە ئىرسىيەت ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بەدەن ئېگىزلىكىنىڭ تەخمىنەن %70نى بەلگىلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ھاياتتىكى بەزى ئامىللارمۇ بىزنىڭ ئىرسىيەتتە بەلگىلەنگەن ئۆسۈش يوشۇرۇن كۈچىمىزنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشىغان تۇرمۇش مۇھىتىمىز، ئوزۇقلىنىشىمىز، سالامەتلىك ئەھۋالىمىز، تۇرمۇش ئادىتىمىز ئەڭ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللار ئىرسىيەت ۋە گېندىن باشقا، يەنە مۇۋاپىق غىزالىنىش، ئۇخلاش ۋە ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلاردۇر، بۇلارنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

●تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش

بەزى ئاتا-ئانىلار خاتا ھالدا ھەر خىل گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلسىلا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بالىلار ئۈچۈن مىكرو ئوزۇقلۇق ماددىلار، مىنېرال ماددىلارمۇ زۆرۈر، ئۇنىڭدىن باشقا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىمۇ يېيىش كېرەك.

●ئۇيقۇ

بالىلار بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىدە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئادەتتە ئالدىنقى يېرىم كېچىدە كۆپرەك ئاجرىلىپ چىقىدۇ، كۈندۈزدىكى ئاجرىلىش مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇنىڭ رىتىمىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بەزى بالىلار بەك كەچ ئۇخلاپ بەك ۋاقچە ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتى ئومۇمەن يېتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىلار بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىگەن تۇرۇشى كېرەك، بۇ بەك مۇھىم.

●ھەرىكەت

بولۇپمۇ سىرتتا ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك. بەدەننى يېتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندە، مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلەر تولۇق ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ، زېھنىي كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇڭا ھەرىكەتمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىڭىزنىڭ ئېگىزلىكى ئۆلچەمگە يەتتتىمۇ؟

يېقىندا، دۆلىتىمىزدە يېڭى نۇسخىدىكى «يەتتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمى» يولغا قويۇلدى،