ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈرۈمچىدىكى بىرباغچىدا ئورانگۇتاننىڭ تاماكا چېكىشى توردا قىزىق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-15 09:11

يېقىندا ئۈرۈمچى تىيانشان ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىدىكى بىر ئورانگۇتاننىڭ تاماكا چېكىۋاتقان كۆرۈنۈشى توردا كەڭ تارقىلىپ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سىندا بىر ئورانگۇتان تاماكىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئېغىزىغا ئاپىرىپ، ئىسنى سۈمۈرۈپ ئاندىن سىرتقا پۈركۈۋاتاتتى، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەر ئىختىيارسىز توختاپ ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى.

 13-مارت، بۇ ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: بۇ ئورانگۇتاننىڭ بۇ ھايۋانات باغچىسىدا ياشاۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى، ئىلگىرى خىزمەتچى خادىملارمۇ بۇ خىل ئەھۋالغا دىققەت قىلغان ۋە ئورانگۇتان بىلەن ساياھەتچىلەرنى ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ ئۇنى «تاماكا تاشلاتقۇزغان»، ئەمما ساياھەتچىلەر ئۇنىڭغا تاماكا بەرسە ئۇ يەنىلا چېكىدۇ.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئورانگۇتان تۇرغان ئۆينىڭ ئەينىكىدە بىر تۆشۈك بولۇپ، ساياھەتچىلەر تاماكىنى شۇ تۆشۈكتىن كىرگۈزۈپ بەرگەن. بۇ ھەقتە خىزمەتچى خادىملار ھايۋانات باغچىسىنىڭ بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ھەمدە بۇ تۆشۈكنى رېمونت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئورانگۇتان يەنە بىر باغچە رايونىدا ئوچۇقچىلىقتا تۇراتتى، بەزى ساياھەتچىلەر ئورانگۇتانغا داۋاملىق تاماكا تاشلاپ بەرگەچكە ئۇ تاماكا چېكىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالغان، ھەتتا تاماكا چېكىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى كۆرسە قولىنى سوزۇپ تاماكا تەلەپ قىلىدىغان بولغان».

كېيىن ئورانگۇتان ئەينەكلىك ئۆيگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئورانگۇتان تۇرغان ئۆيگە كىرىپ پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرغان، ئۇ بەزىدە چاقماقنى ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويغان.

بۇ خىزمەتچى خادىم يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇ تاماكا چېكىدۇ، چاقماقنى ياندۇرالايدۇ، سۇ بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىنى تولغاپ ئاچالايدۇ، ئۈچ ياشلىق بالىلاردەك ئەقلى بار». 

ھازىر بۇ ئورانگۇتان تۇرۇۋاتقان كۆرگەزمە سارىيى يەنىلا نورمال ئېچىلىۋېتىپتۇ، خىزمەتچى خادىملار ساياھەتچىلەرنىڭ تاماكا بېرىش قىلمىشىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، بايقالغان ھامان چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈرۈمچىدىكى بىرباغچىدا ئورانگۇتاننىڭ تاماكا چېكىشى توردا قىزىق

يېقىندا ئۈرۈمچى تىيانشان ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىدىكى بىر ئورانگۇتاننىڭ تاماكا چېكىۋاتقان كۆرۈنۈشى توردا كەڭ تارقىلىپ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.