ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيە بىلەن ئامېرىكا 11 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-16 08:33

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە بىلەن ئامېرىكا 13 - مارتتىن باشلاپ «ئەركىنلىك قالقىنى» ((Freedom Shield,FS)) ناملىق چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان. مانېۋىر تەقلىدىي ئەمەلىي ئۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 11 كۈن داۋاملىشىدىكەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر كەڭ كۆلەملىك دالا ھەرىكەتچان مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تابۈگۈنگىچە بەش يىل توختىتىلغان ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىك كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي ئۇرۇش ھەرىكەتچان مانېۋىرى قايتا باشلانغان.

بۇنىڭدىن كېيىن كورېيە بىلەن ئامېرىكا دالىدا ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ھەرىكەتچان مانېۋىرى قاتارلىق ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىك بىرلەشمە مانېۋىردىن 20 نەچچىنى ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشمە مۇداپىئە ھالىتىنى تەكشۈرۈپ، كورېيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن. 

كورېيە ھەربىي تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىرلەشمە مانېۋىر مەزگىلىدە، كورېيە بىلەن ئامېرىكا «قوش ئەجدىھا» ناملىق بىرلەشمە قۇرۇقلۇققا چىقىش مانېۋىرى، «تېكتون ياغىچى خەنجىرى» ناملىق بىرلەشمە ئالاھىدە ئۇرۇش مانېۋىرى قاتارلىق 20 نەچچە تۈردە مانېۋىر قىلىدىكەن، «جەڭچى قالقىنى» ناملىق بىرلەشمە دالا جانلىق مەشىقى «قۇرغۇي» ناملىق مەشىقتىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، كورېيە، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ «نىمىز» ناملىق يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىياماتكىسى (100 مىڭ توننىلىق)نى ئاۋىياماتكا بىرلەشمە زەربە بېرىش توپى مانېۋىرىغا قاتناشتۇرۇش، شۇنداقلا كورېيە، ئامېرىكا، ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن سىگنال بېرىش مانېۋىرى بىلەن «ئەركىنلىك قالقىنى» مانېۋىرىنى تۇتاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئالغا سىلجىتىۋېتىپتۇ. ھەر خىل تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بايقاش ۋە توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە «زېئۇس قالقىنى» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت، «جەڭ پالتىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىقلارمۇ مانېۋىرغا قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كورېيە بىلەن ئامېرىكا 11 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى

كورېيە بىلەن ئامېرىكا 13 - مارتتىن باشلاپ «ئەركىنلىك قالقىنى» ((Freedom Shield,FS)) ناملىق چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان. مانېۋىر تەقلىدىي ئەمەلىي ئۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 11 كۈن داۋاملىشىدىكەن.