ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دوكلات! بىر گىرانات بايقالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-27 08:47

«ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى، دوكلات، بىر گىرانات بايقالدى!» 

يېقىندا، يۈننەن چېگراسىدىكى بىر كەنتتە، مىنا تازىلاش مەشغۇلاتچىسى لۇ دېتەي بىر جاينى ئىككى سائەتكە يېقىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن كولاپ، بىر مۇكەممەل گىراناتنى تىپىپ چىقتى.  

图片

ئۇ گىراناتنى دەرھال ئاھالىلەر رايونىدىن يىراق ئوچۇقچىلىققا ئېلىپ يوق قىلدى. 

 «بۇ مىنانىڭ سېزىش نۇقتىسى، ئەگەر بۇ يەرگە دەسسىسىڭىزلا مىنا پارتلاپ كېتىدۇ...» يېقىندا، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم مىنا تازىلاش-پارتلىتىش چوڭ ئەترىتى يۈننەن چېگراسىدىكى بېڭكۇڭ كەنتىدە مىنا ۋە پارتلىمىغان بومبىغا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئومۇملاشتۇردى. 

نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ئۇرۇشتا بۇ چېگرا كەنتتىكى كۆپلىگەن جايلاردا نۇرغۇن مىنا ۋە پارتلىمىغان بومبىلار قىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مىنا، پارتلىمىغان بومبىغا بولغان تونۇشى ۋە ئۇنىڭ خەۋپىگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بايقالغان مىنا ياكى پارتلىمىغان بومبىنى ئۆز ئالدىغا يۆتكىۋېتىدىغان، تاشلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. 

مىنا تازىلىغۇچى خادىملار تەشۋىقاتنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرۇشىغا، ئازادلىق ئارمىيە بېڭكۇڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ كەنت ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى ئاختۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر دەرھال مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، كەنت-مەھەللىلەردە ئىزدەش مەشغۇلاتىنى باشلىدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كەنت ئاھالىسى ما شىڭلىننىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆكتاتلىققا كەلگەندە مىنا تەكشۈرگۈچ روشەن سىگنال بەردى، مەشغۇلاتچى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بۇ كۆكتاتلىقنىڭ ئاستىدا مىنا ياكى پارتلىمىغان بومبا بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلدى.  

كۆكتاتلىق ما شىڭلىننىڭ ئۆيىگە يېقىن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى  ۋە تۆۋەن تەرەپتىكى ئىككى ئائىلىنىڭ ئۆيى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچقا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەتراپتىكى يوللارنى دەرھال قامال قىلىپ، ما شىڭلىننىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى. 

 

ئىككى سائەتكە يېقىن جىددىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق لۇ دېتەي بىر مۇكەممەل گىراناتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كولاپ چىقاردى، ئۇ گىراناتنى مەھەللىدىن يىراق جايغا يۆتكەپ شۇ جايدا كۆيدۈرىۋەتتى.

پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۈزىگە كۈلكە يۈگۈردى، يۈرىكى جايىغا چۈشتى، ئۇلار ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتتى. 

بۇ مىنا تازىلاش-پارتلىتىش چوڭ ئەترىتى دەل «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى دۇ فۇگو تۇرۇشلۇق قىسىمدا بولۇپ، بۇ قېتىمقى ۋاقىتلىق مىنا تازىلاش ۋەزىپىسى بۇ قىسىمنىڭ چېگرا رايوندىكى خەلق ئاممىسىغا قىلغان ياردىمىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى.  

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ چوڭ ئەترەت چېگرا رايوندىكى ئاممىغا ياردەملىشىپ مىنا، پارتلىمىغان بومبىنى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق بىر تەرەپ قىلىپ بەردى. مىنا تازىلاش 1-ئەترىتى 2-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئۆزىلا چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ مىنا، پارتلىمىغان بومبىلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا 60 قېتىمدىن ئارتۇق ياردەم بەردى، 100 دىن ئارتۇق مىنا، پارتلىمىغان بومبىنى كولاپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلدى.  

تورداشلار: ئۇلار ھەقىقەتەن ئىسمى جسىمىغا لايىق قەھرىمان قىسىم ئىكەن، دېيىشتى.  

بىز بۇ ئەزىمەتلەرگە ئالقىش ياڭرىتىمىز!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دوكلات! بىر گىرانات بايقالدى

«بۇ مىنانىڭ سېزىش نۇقتىسى، ئەگەر بۇ يەرگە دەسسىسىڭىزلا مىنا پارتلاپ كېتىدۇ...» يېقىندا، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم مىنا تازىلاش-پارتلىتىش چوڭ ئەترىتى يۈننەن چېگراسىدىكى بېڭكۇڭ كەنتىدە مىنا ۋە پارتلىمىغان بومبىغا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئومۇملاشتۇردى.