ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غەلىتە ئىش! نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى مۇنداق پوسۇلكا تاپشۇرۇۋالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-28 08:43

يېقىندا ئەنخۇي، شەنشى قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ناتونۇش پوسۇلكا تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، پوسۇلكا يەشىكىگە ئاددىي نەرسىلەرنىڭ قاچىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

بەزىلىرىگە ئىستاكان قاچىلانغان

↓↓↓

يەنە بەزىلىرىگە

بىر پارچە تەشۋىقات ۋارىقى+بىر ئىستاكان قاچىلانغان

↓↓↓

يەنە مۇنداق ئىستاكانلارمۇ بار

↓↓↓

دىققەت!

بۇ كۈچلۈك قايمۇقتۇرۇش

خاراكتېرىگە ئىگە بولغان يېڭى

تىپتىكى ئالدامچىلىق ئۇسۇلىدۇر

ئالدامچىلار پوچتىدىن ئەۋەتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە تور تاشلايدۇ، ئىستاكاندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلىغاندا ئالدامچىلارنىڭ قۇرغان قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن.

ئالدامچىلار قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بىزنىڭ ئىسىم-فامىلىمىز، يان تېلېفون نومۇرىمىز، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىمىز قاتارلىق ئۇچۇرلىرىمىزغا ئېرىشىدۇ ھەمدە پوچتىدىن ئىستاكان ۋە ئىككىلىك كود ئەۋەتىدۇ. بەزى ئالدامچىلار يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، بىر خالتا گۈرۈچ، بىر يەشىك مېۋە-چېۋە ياكى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆزلىرىگە چوڭقۇر ئىشەندۈرىدۇ، ھەقسىز سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بەزىلەر بۇنى سودا سۇپىلىرىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى تەمىنلىگەن پاراۋانلىق دەپ قاراپ، ئارتۇقچە ئويلىماستىنلا قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ، ئالدامچىلار قۇرغان پاراڭلىشىش توپىغا كىرىدۇ.

ئالدامچىلار پاراڭلىشىش توپىغا زاكاز كۆپەيتىش ۋەزىپىسىنى ئەۋەتىپ، ۋەزىپىنى تاماملىسىلا قىزىل بولاق ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەمدە كىشىلەرگە ئازراق نەپ بېرىدۇ، توپتىكى كىشىلەر ئېھتىياتچانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقاندىن كېيىن ئۇلارنى ئەپ دېتال چۈشۈرۈشكە ۋە قىممەت تولۇقلاشقا ئازدۇرىدۇ.

شېرىنكانىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان قوشۇمچە ۋەزىپىنى تاماملاپ، سېلىنمىڭىزنى داۋاملىق كۆپەيتكىنىڭىزدە، ئۆز مەبلىغىڭىزنىڭ دىرى بىلەن شېرىنكانىسىنى چىقىرىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بايقايسىز، بۇ ۋاقىتتا ئالدامچىلار «سىستېما قېتىۋالدى»، «ۋەزىپە ۋاقتى ئېشىپ كەتتى»، «مەشغۇلاتتا خاتالىق كۆرۈلدى» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن داۋاملىق قىممەت تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلارنىڭ سۆز ئويۇنلىرى بولۇپ، ئالدانغۇچىلار ئۆز مەبلىغىنىڭ دىرى بىلەن شېرىنكانىسىنى ئالالمايدۇ.

[ساقچىلار مۇنداق ئەسكەرتىدۇ]

شەھەر ئاھالىلىرى مۇشۇنداق پوسۇلكىلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ھەرگىز ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلىماسلىقى، ئىستاكان ۋە تەشۋىقات بېتىنى تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن، باشقىلارنىڭ بۇلارنى تېپىۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق ئالدىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئىستاكان ۋە تەشۋىقات بېتىدىكى ئىككىلىك كودنى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك!

جاپا تارتىپ تاپقان پۇل-مېلىڭىزنىڭ

ئالدامچىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ

كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غەلىتە ئىش! نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى مۇنداق پوسۇلكا تاپشۇرۇۋالدى

يېقىندا ئەنخۇي، شەنشى قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ناتونۇش پوسۇلكا تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، پوسۇلكا يەشىكىگە ئاددىي نەرسىلەرنىڭ قاچىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.