ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى قانداق ۋەيران بولدى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 08:41

ئامېرىكا كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى 1983-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 40 يىللىق تارىخقا ئىگە. لېكىن زىيان تارتقانلىقتىن 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بازاردا ۋەھىمە پەيدا قىلدى،  ئاخىرىدا بانكىدا نەق پۇل تۈگەپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل ئامانەت سۇغۇرتا شىركىتى ئۇنى مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈۋالدى، كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى قىسقىغىنا 40 نەچچە سائەتتىلا تاقالدى. بۇ قېتىمقى «مىنا پارتلاش» ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رادىكال ئۆسۈم قوشۇش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تاشقى ئامىلدىن باشقا، كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆمۈپ قويغان «قەرەللىك بومبا»لارمۇ مۇھىم رول ئوينىغانىدى. بۇ «قەرەللىك بومبا»لار قايسى؟

 مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «دۇنيا مالىيە-ئىقتىسادى» پىروگراممىسى

 

40 يىللىق بانكا 40 نەچچە سائەتتە تاقالدى، ئامېرىكا كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى ئۆزىگە قانداق «مىنا»لارنى كۆمگەن؟ 

كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ كۆپ قىسىم خېرىدارلىرى پەن - تېخنىكا ساھەسىدە دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلغان كارخانىلار بولۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئامانەت قويغان پۇلى 250 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنىدى، شۇڭا كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىغا قويۇلغان %90 تىن يۇقىرى ئامانەت پۇلىنىڭ سۇغۇرتىسى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ نۇرغۇن خېرىدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قەرز ئېلىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە، قەرز ئالغۇچى ئادەتتە كۆپ قىسىم مەبلەغنى بۇ بانكىغا ئامانەت قويۇشى كېرەك ئىدى. بۇ ئامىللارمۇ كېيىنكى كۈندە يۈز بەرگەن 42 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تېز نەقلەشتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلغانىدى.

ئامېرىكا فوكس مالىيە-ئىقتىساد ئاخباراتى ئوبزورچىسى مونتگومېرى: بەزى شىركەتلەر پەقەت كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى بىلەنلا ئالاقە قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ باشقا ھەرقانداق جايدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا ئۇلار بۇ بانكىدىكى پۇلىنى ئېلىشقا ئالدىرىدى، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرالايتتى.

 

«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»: كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مۇكاپات قوغلىشىپ خەۋپ - خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى

بۇ قېتىمقى ۋەقەدە، كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان «قىسقا مۇددەتلىك ئامانەتتىن پايدىلىنىپ ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل تارقىتىش» ئۇسۇلى ئەڭ ئاخىرىدا كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى مەبلىغىنىڭ قەرزگە چىقىش قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. شۇڭا، بانكىنىڭ مەبلەغ سېلىش تاكتىكىسى ۋە خەتەرنى كونترول قىلىش ئېڭى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، نەتىجىدە نۆۋەتتىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلەن باش مالىيە ئەمەلدارى ئەيىبلەندى. «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ مۇكاپات پۇلى بىلەن بانكا پاي دەسمايىسىنىڭ پايدا نىسبىتى بىۋاسىتە باغلانغانىكەن. 2017-يىلىدىن كېيىن، بولۇپمۇ زور مىقداردا مەبلەغ ئېقىپ كىرگەن 2021-يىلى، كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى ئۇزاق مۇددەتلىك زايوم سېتىۋېلىش ئارقىلىق پايدىنى كۆپەيتكەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا، بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇكاپات پۇلى تۆت يىلدا ئايرىم -ئايرىم ھالدا بىر ھەسسە ۋە ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مۇكاپات پۇلىنى بۇ پايدا كۆرسەتكۈچى بىلەن چېتىش «تەۋەككۈلچىلىكنىڭ مەنبەسى».

ئامېرىكا Raging مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل مارتېن: ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئۇلار بۇ ئاكسىيەلەرنى ساتمايدۇ، قەرەلى توشقانغا قەدەر ئىلىكىدە تۇتىدۇ. بۇ بىر خىل بوغالتىرلىق ۋاسىتىسى، بۇ ۋاسىتىنى قوللانغاندا بۇ ئاكسىيەلەر پاسسىپ مۈلۈك جەدۋىلىدە بازارنىڭ ئادىل، مۇۋاپىق قىممىتى بويىچە ھېسابلانمايدۇ، بەلكى چەك يۈزىدىكى قىممەت بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن زىيان سۈپىتىدە خاتىرىلەشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ (ھېساباتتىكى پايدىنى ساقلاپ قالىدۇ). ئۆتكەن بەش يىل، ھەتتا ئون يىلدا ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسى ئىزچىل تۆۋەن بولدى، بۇ ھال بەلكىم باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنى ئاچكۆز قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.

گولدمان ساچس شىركىتى ئىلگىرى كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىغا زايوم سېتىش ۋە پاي چېكىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش تەكلىپىنى بەرگەن 

 

ئۇزاقتىن بۇيان جۇغلانغان خەۋپ - خەتەر ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىر تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرى، مۇدى كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىغا تېلېفون قىلدى ۋە يامانلىشىپ كەتكەن مالىيە ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر بانكىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى. كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى دەرھال گولدمان ساچس شىركىتىدىن ياردەم سورىدى، گولدمان ساچس شىركىتى بىر قىسىم زايوملارنى سېتىش ھەمدە ئاشكارا تارقىتىش بىلەن شىركەتلەرگە سېتىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ 2 مىليارد 250 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، شىركەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، پەقەت پان ئاتلانتىك ئوكيان مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىلا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاددىي پاي سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: شىركەتلەردىن توپلاش كۆلىمى بەك كىچىك بولغاچقا، كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى ئاشكارا تارقىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ پايدىسىز ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا بازاردا كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلدى. 

 

پايچىكلار كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئۈستىدىن دەۋا قىلدى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى گولدمان ساچس شىركىتىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەردى 

 

نۆۋەتتە، پايچىكلار كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۈستىدىن كوللېكتىپ دەۋا قىلىپ، ئۇلارنى «ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ ناھايىتى ئاسانلا تېز ئايرىباشلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى»دەك ئەھۋالنى يوشۇرغان دەپ ئەيىبلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى گولدمان ساچس شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئوينىغان رولىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى زايومنى «باھاسىنى چۈشۈرۈپ» ساتقان چاغدىكى سودا رىقابەتچىسى دەل گولدمان ساچس شىركىتى ئىكەن. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گولدمان ساچس شىركىتى بۇ ئىشتىن 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى قانداق ۋەيران بولدى؟

ئامېرىكا كىرېمنىي جىلغىسى بانكىسى 1983-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 40 يىللىق تارىخقا ئىگە. لېكىن زىيان تارتقانلىقتىن 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بازاردا ۋەھىمە پەيدا قىلدى،