ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىغا ئۇچۇر يوللىدى، ئويلىمىغان يەردىن ...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 08:58

26-مارت، شەنشى شىئەنلىك بالا دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن يانفون نومۇرىغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بايان قىلدى ۋە دادىسىنى بەكمۇ سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى، 

ئويلىمىغان يەردىن بۇ يانفون نومۇرىدىن جاۋاب ئۇچۇر كەلدى، 

بۇ زادى قانداق ئىش؟ 

تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ۋىدېيودىن كۆرۈڭ

↓↓↓

 

ئەسلىدە، دادىسى بۇرۇن ئىشلەتكەن نومۇرنىڭ ھازىرقى ئىگىسى بۇ قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭ نامىدا ئۇچۇر قايتۇرۇپ، بالىنى كەيپىياتىنى تەڭشەپ، قايتىدىن غەيرەت بىلەن ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، بالا «دادىسى»دىن كەلگەن بۇ جاۋابنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن ھەمدە توختىماي رەھمەت ئېيتقان.

بۇ يانفون نومۇرىنىڭ ھازىرقى ئىگىسى مۇنداق دېدى: دەسلەپتە قارشى تەرەپ ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، ئۇچۇر مەزمۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇققانلىقىنى، باشقىلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن بالىنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاب قايتۇردۇم، قايتۇرغان ئۇچۇرۇمنىڭ بالىغا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىنى، ئۇنىڭ قايتىدىن ئىشەنچكە تولۇپ، بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

تۇرمۇشىمىزدا تاسادىپىي ئۇچراپ تۇرىدىغان گۈزەللىكلەر قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئىللىق ھارارەت ئاتا قىلىدۇ، 

ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ناتونۇش كىشىلەر بىز كۆرەلمەيدىغان جايدا بىزگە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزىدۇ، 

ئىللىقلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ، ھەر بىر ياخشى نىيەتلىك قەلب ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىمىز!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىغا ئۇچۇر يوللىدى، ئويلىمىغان يەردىن ...

26-مارت، شەنشى شىئەنلىك بالا دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن يانفون نومۇرىغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بايان قىلدى ۋە دادىسىنى بەكمۇ سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى،