ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتقان ئاۋىياتسىيە خىزمەتچىسى ئىشتىن ھەيدەلدى
20-ماي، شيامېن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سىمىڭ شۆبە ئىدارىسى دېلو مەلۇماتى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەلۇم ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى پاڭ X (ئەر، 26 ياش) 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا، مەزكۇر ئايروپىلان خىزمەت بازىسىنىڭ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ، يان تېلېفون ئارقىلىق مەزكۇر شىركەتنىڭ ئايال خىزمەتچىلىرىنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتقان، ئالاقىدار كىشىلەر ئۇنى نەق مەيداندا بايقاپ قالغان.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى قانۇنى»نىڭ 42-ماددا 6-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پاڭ X شەخسىيەتكە دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، سىمىڭ ج خ شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى.
20-ماي چۈشتىن كېيىن، شيامېن ئاۋىياتسىيەسى ئورگان مىكرو بىلوگىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىركەت بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ساقچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشىگە ۋاقتىدا ماسلاشتى. ساقچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاساسەن، شىركەت پاڭ Xنى ئىشتىن بوشىتىش ھەمدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى. شىركەتنىڭ قاتتىق بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەرىكەت ئۆلچىمى بار، شىركەت قانۇن-نىزامغا، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ ھەرقانداق قىلمىشقا قارىتا، مەيلى قانداق مۇددىئا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر «قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەت ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچىگە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، نازارەت قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز.