زور دېلوغا چېتىشلىق «تولۇق 3-يىللىق 6-سىنىپ» ئۈندىدار توپى
ۋۇخەن ج خ ئورگىنى يېقىندا چېگرا ھالقىغان قىمار شايكىسىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ گۇرۇھ چېگرا سىرتىدىن قىمار ئويناش يۇمشاق دېتالىنى سېتىۋېلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە 10 مىڭ ئادەمنى جىنايەت پاتقىقىغا سۆرەپ كىرگەن، دېلوغا چېتىشلىق پۇل 160 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
بۇ يىل 2-ئايدا، ۋۇخەن ج خ ئورگىنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ توردا قىمار ئويناش قىلمىشىغا چېتىلغانلىقىدەك مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى.
ۋۇخەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ج خ شۆبە ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ليۇ لياڭمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز توردا «تولۇق 3-يىللىق 6-سىنىپ» دېگەن نامدىكى ئۈندىدار توپىنى بايقىدۇق، بۇ ئۈندىدار توپىدا بىر كىشى ھەر كۈنى قىمار ئويناش ئاقما خەرىتىسىنى يوللاپ تۇرىدىكەن.
بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ساقچىلار دەرھال تەكشۈرۈشنى باشلىدى، لېكىن ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلار كەمچىل بولغاچقا، ئىلگىرىلەش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.
ليۇ لياڭمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىمار توردا ئوينالغاچقا بىر قەدەر يوشۇرۇن ئىكەن، ساقچىلار قىمارۋاز بىلەن تاۋكاچىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمىگەن، قىمار دەسمايىسىنى قانداق ئالىدىغانلىقى، قىمار ئويناش ئۇسۇلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمىگەن.
دېلودا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ساقچىلار تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قىمارغا قاتناشقانلارغا قارىتىشنى قارار قىلدى ھەمدە دېلودا ناھايىتى تېزلا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. بۇ توپتا قىمار ئويناپ قەرز بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قېچىپ يۈرگەن بىر نەچچە كىشى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشكە كىرىشكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال ساقچىلارغا ئاكتىپ ماسلاشتى.
ۋۇخەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ج خ شۆبە ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ شايكا قىمار يۇمشاق دېتالىنى چېگرا سىرتىدىن سېتىۋالغان ھەمدە مۇلازىمىتېرنىڭ ساقلاش ئورنىنىمۇ چېگرا سىرتىدىن ئىجارە ئالغان. ئۇلار ھەر كۈنى كېچە-كۈندۈز توختىماي تاۋكا قۇرغان بولۇپ، 400 قېتىمدىن ئارتۇق قىمار ئورۇنلاشتۇرغان. بىر ئاي ئەتراپىدا ئۇلارنىڭ قىمار دەسمايىسى 160 مىليون يۈەنگە يەتكەن، تاۋكاچىلار بۇنىڭدىن 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشكەن.
ساقچىلار قىمار شايكىسىنىڭ جىنايەت دەلىل-ئىسپاتىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىمار شايكىسىنىڭ ئەزالىرىنى ئىزدەپ، 15 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلمەكتە.
مەدەنىيلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، قىمارنى توسايلى!