ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۈرىتى گۈزەللەشتۈرۈلگەن ساختا كىملىك ياساتتى، ئارقىدىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-24 08:40

يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ پۇتو شۆبىسى چاڭشۇ يولى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى نوپۇس تىزىملاش-تەكشۈرۈش جەريانىدا، ۋۇ فامىلىلىك بىر قىزنىڭ كىملىكتىكى رەسىمى بىلەن ئۆز چىرايىنىڭ پەقەتلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا، ۋۇ X ئۆزىنىڭ  توردىن زاكاز چۈشۈرۈپ، ئۆز يېشىدىن كىچىك بولغان ھەمدە نوپۇس ئادرېسى ئۆزگەرتىلگەن ئىككى ساختا كىملىك ياساتقانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

ساقچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋۇ Xنىڭ ساختا كىملىكنى باشقا بىر ئۆلكىنىڭ مەلۇم يېرىدە ئولتۇرۇشلۇق ليۇX تىن سېتىۋالغانلىقىنى بايقىدى.

پۇتو ساقچىلىرى دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ليۇ Xنى قولغا چۈشۈردى ھەمدە ليۇ Xنىڭ لى Xتىن ساختا كىملىك سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدى.

مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار يول بويى ئىز قوغلاش ئارقىلىق، «تور سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىش، توردا سېتىش» شەكلىنى قوللانغان ساختا گۇۋاھنامە ياساش، سېتىش كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي ئېنىقلاپ چىقتى.

لى Xنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ساقچىلار يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىپ، لى Xنى ۋە ئۇنىڭ شايكىسىدىكى سەككىز كىشىنى، ھەمدە نۇرغۇن ساختا دىپلوم ۋە گۇۋاھنامىلەرنى قولغا چۈشۈردى.

مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار سوراق قىلىش ئارقىلىق،  مەزكۇر قارا كەسىپ زەنجىرىنىڭ «مەنبەسى» بولغان ۋاڭ Xنى تېپىپ چىقتى.

ساقچىلار تەپسىلىي  تۇتۇش پىلانىنى تۈزگەندىن كېيىن، ۋاڭ X شايكىسىدىكى 12 كىشىنى تۇتتى، نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ 12 ساختا گۇۋاھنامە ياساش ئۈسكۈنىسى، 1000دىن ئارتۇق ساختا گۇۋاھنامە، 100دىن ئارتۇق ساختا تامغىنى قولغا چۈشۈرۈپ، دۆلەت ئورگانلىرى گۇۋاھنامىسىنى يالغاندىن ياسايدىغان ۋە ساتىدىغان مەزكۇر يەر ئاستى كەسىپ زەنجىرىنى بىتچىت قىلدى.

دېلو بېجىرىش جەريانىدا، ۋاڭ X، لى X قاتارلىق 21 جىنايەت گۇماندارى ئۆزلىرىنىڭ كىملىك ۋە باشقا گۇۋاھنامىلەرنى يالغاندىن ياساشقا قاتناشقانلىقى ھەمدە تور ئارقىلىق ليۇ X قاتارلىق «ۋاسىتىچى سودىگەرلەر» بىلەن ئالاقىلىشىپ، باشقىلارغا يالغان گۇۋاھنامە سېتىپ، قانۇنسىز پايدا ئالغانلىقىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

نۆۋەتتە، ۋۇ X ساختا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئىشلىتىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، پۇتو ساقچىلىرى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشتەك جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى. ۋاڭ X، لى X، ليۇ X قاتارلىق 21 كىشى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ياساش، ئۆزگەرتىش، ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.

ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ساختا گۇۋاھنامە سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش بولۇپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئەگەردە باشقىلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ساختا گۇۋاھنامىسىنى ياسىغانلىقى، ئېلىپ ساتقانلىقى، ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، دەرھال ساقچىلارنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى سورايمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۈرىتى گۈزەللەشتۈرۈلگەن ساختا كىملىك ياساتتى، ئارقىدىن

يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ پۇتو شۆبىسى چاڭشۇ يولى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى نوپۇس تىزىملاش-تەكشۈرۈش جەريانىدا، ۋۇ فامىلىلىك بىر قىزنىڭ كىملىكتىكى رەسىمى بىلەن ئۆز چىرايىنىڭ پەقەتلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.