ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 08:43

شېنجۇ 15-نومۇرنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بېيجىڭغا تىنچ ئامان يېتىپ كەلدى

شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا تىنچ-ئامان يېتىپ كەلدى. بوشلۇق پونكىتىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رەھبەرلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئايرىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىگە كىرىدىكەن، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك تېببىي تەكشۈرۈلىدىكەن ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن باھالىنىدىكەن ھەمدە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بېيجىڭدا تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا تىنچ-ئامان يېتىپ كەلدى.