بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۆلۈۋالماقچى بولغاندا...
يېقىندا لياۋنىڭ داليەندىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن شىڭخەي دېڭىز قولتۇقى دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكى رېشاتكىسى ئىچىدە ئۆلۈۋالماقچى بولغان. كۆۋرۈكنىڭ ئاستى نەچچە ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز بولۇپ، ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى.
10-سېنتەبىر كەچ سائەت سەككىز ئەتراپىدا، شەھەر ئاھالىسى چېن دافېڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ماشىنا ھەيدەپ شىڭخەي دېڭىز قولتۇقى دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ليەنخۇاشەن تونېلىغا كىرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۇدۇلدىكى كۆۋرۈك ئۈستىدە ئىككى ئادەمنىڭ رېشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتكەنلىكىنى بايقىغان، كۆۋرۈك ئاستى نەچچە ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز بولۇپ، ئۇ ئىككىيلەننىڭ ھەر ۋاقىت دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىدى.
چېن دافېڭ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال ماشىنىنى يول بويىغا توختاتتى. ماشىنىدىن چۈشۈپ قاراپ ئۇلارنىڭ بىر جۈپ ياشىنىپ قالغان ئەر-ئايال ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ماغدۇرسىزلىنىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ تېخىمۇ تىت-تىت بولۇپ كەتتى.
ـــ قايتىڭلار! قايتىپ چىقىڭلار! تېز قايتىپ قايتىپ چىقىڭلار!
سىلىق نەسىھەتنىڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن چېن دافېڭ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئۇلارغا ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىيلەن ئاستا رېشاتكا تېشىغا قايتتى. خەتەر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن كۆۋرۈكتە ئۇياق-بۇياق مېڭىپ يۈرۈپ قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمىدى.
چېن داپېڭنىڭ ئايالى ماشىنىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ «ئۇلارغا بىرەر ئىش بولۇپ قالارمۇ» دەپ خاتىرجەم بولالمىدى.
دەرۋەقە، ئۇلار ماشىنىنى ياندۇرۇپ ھېلىقى بىر جۈپ ئەر-خوتۇننى تاپقاندا ئۇلار يەنە رېشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتمەكچى بولغانىدى. بۇ چاغدا، ئېرى رېشاتكىنىڭ سىرتىدا تۇراتتى، ئايالى بولسا ئاتلاپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن چېن دافېڭ ئالدىراپ بېرىپ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى رېشاتكىدىن تارتىپ چۈشۈردى.
پاراڭلىشىش ئارقىلىق، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ مەلۇم قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقى، يەنە كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، بانكا كارتىسى قاتارلىق نەرسىلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدى. ساقچىلار ناھايىتى تېزلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار كوچا ئىش باشقارمىسىدىكىلەر بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇننى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
-ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق يوق.
ئەسلىدە، چېن دافېڭ داليەن ئامما جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاساسىي شەھەر رايونلۇق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقىلى ئالتە يىل بولغانىكەن.
«قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەش كېرەك. ھايات پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئالدىراپ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ» دېدى چېن دافېڭ.
چېن دافېڭ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققىنىڭىزغا رەھمەت!