ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«باشلىق»قا 680 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بەردى، لېكىن...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-17 14:11

تۈرنى قولغا كەلتۈردۇق، دەرھال كاپالەت پۇلىنى تۆلىۋېتىڭ!

يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فۇشەن شەھىرى شۈندې رايونى شىڭتەن بازىرىدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ بوغالتىرى ليۇ خانىمنى ئۇنىڭ «باشلىق»ى بىر ئۈندىدار توپىغا ئەكىردى. توپتا «باشلىق» مەلۇم بىر چوڭ مەبلەغ تۈرى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى، تۈرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «باشلىق» ليۇ خانىمنى بەلگىلەنگەن ھېسابات نومۇرىغا پۇل يۆتكەشكە بۇيرىدى.

قارشى تەرەپنىڭ ئىسمى ۋە باش سۈرىتى باشلىقىنىڭكىگە ئوپمۇئوخشاش بولغاچقا، ليۇ خانىم ئاسانلا ئىشىنىپ قالدى. توپقا كىرىپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ليۇ خانىم بەلگىلەنگەن ھېسابات نومۇرىغا ئۈچ قېتىمدا جەمئىي 680 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل يۆتكەپ بەردى.

ليۇ خانىمنىڭ پۇل يۆتكىگەن كەسمە سۈرىتى. (سۈرەتنى فۇشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

يۆتكىگەن پۇل سوممىسى كۆپ بولغاچقا، ليۇ خانىم خاتىرجەم بولالماي باشلىقنى ئىزدەپ يۈزتۇرانە جەزملەشتۈرمەكچى بولدى، باشلىقنى ئىزدىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدى.

دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى پۇل يۆتكەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە شىركەتكە بېرىپ دېلونى بىر تەرەپ قىلدى. ليۇ خانىمنىڭ پۇل يۆتكىگەن ھېسابات نومۇرىنى تەمىنلىشى ۋە تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىنىڭ زىچ ماسلىشىشى بىلەن، چىقىم قىلىشنى توختىتىش رەسمىيىتى ماس قەدەمدە بېجىرىلدى. 30 مىنۇت ئىچىدىلا 660 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىقىم قىلىشتىن توختىتىلدى. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە، مەبلەغنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

ساقچىلار ليۇ خانىمنىڭ 660 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيىنىنى قايتۇرۇپ كەلدى. (سۈرەتنى فۇشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

 ساقچى ئەسكەرتمىسى

باشلىقىڭىز پۇل يۆتكەش، پۇل ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغاندا تېلېفون قىلىپ ياكى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ جەزملەشتۈرۈڭ. QQ، ئۈندىدار، قىسقا ئۇچۇردىكى ئۇچۇرغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ، قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ناتونۇش ئۇلانمىلارنى خالىغانچە چەكمەڭ، ئالدىنىپ قالغاندا دەرھال ساقچىغا  مەلۇم قىلىڭ!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«باشلىق»قا 680 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بەردى، لېكىن...

تۈرنى قولغا كەلتۈردۇق، دەرھال كاپالەت پۇلىنى تۆلىۋېتىڭ!