ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاماس: كېلىشىمنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-28 09:03

خاماس بايانات ئېلان قىلىپ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»، رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بىر باياناتىدا خاماسنىڭ غەززە رايونىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان تېخىمۇ كۆپ پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ يەر ۋاقتى 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن پەلەستىنلىك ئەسىرلەر بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى راماللا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، كىشىلەر ئۇلارنى قارشى ئالدى.

 

26-يانۋارغىچە، تۇتۇپ  قېلىنغان 117 پەلەستىنلىك قويۇپ بېرىلدى.

 

خاماس قويۇپ بەرگەن ئون نەچچە  تۇتۇپ قېلىنغان كىشى دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى

 

ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىنى گېزىتى»نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قويۇپ بېرىلگەن  ئىسرائىلىيەلىك 11 بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شنېيدېر بالىلار داۋالاش مەركىزىگە قونغان.

«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە مەلۇم دوختۇرخانا خاماس قويۇپ بەرگەن تايلاندلىق تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ كىشىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە ئاساف خاروفى دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

شۇ يەر ۋاقتى 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، خاماس غەززە رايونىدىن قويۇپ بەرگەن ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلار بىر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئىسرائىلىيەنىڭ راماتگاندا شەھىرىدىكى شىبا داۋالاش مەركىزىگە يېتىپ كەلدى.

ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز تايلاند ئەلچىخانىسى بىلەن قەرەللىك ئالاقىلىشىۋاتىمىز، تايلاند ئەلچىخانىسى قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ يېڭى ئەھۋالنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن دەرھال قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدۇ.

 

39 پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلدى

 

يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە  ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 39 پەلەستىنلىكنى ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاماس: كېلىشىمنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىمىز

خاماس بايانات ئېلان قىلىپ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.