ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى كىرىمى تېز ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-28 09:50

1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى كىرىمى  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشتى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۈرۈشۈش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، يۇمشاق دېتال كەسپى كىرىمى بىر قەدەر تېز ئاشتى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى.

1-ئايدىن 10-ئايغىچە يۇمتال كەسپى كىرىمى بىر قەدەر تېز ئاشتى. ئېلىمىزنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى كىرىمى 9 تىرىليون 819 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە پايدا ئومۇمىي سوممىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، 1 تىرىليون 142 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ،  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشتى. يۇمشاق دېتال كەسپى ئېكسپورتىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى داۋاملىق كىچىكلىدى. جېجياڭ داشۆسى خەلقئارا بىرلەشمە سودا شۆيۈەنى رەقەملىك ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزى كېڭىشىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى پەن خېلىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر يۇمشاق دېتال كەسپى جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا. يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بىرىنچى، جۇڭگو كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، يۇمشاق دېتالغا بولغان ئېھتىياج تېز ئاشتى. ئىككىنچى، نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا قەد كۆتۈرمەكتە. ئۈچىنچى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۈنئىي ئاقىل  يېڭى يۇمشاق دېتالنىڭ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى كىرىمى مۇقىم ئېشىپ، ئومۇمىي كىرىمى 6 تىرىليون 495 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئېشىپ، پۈتۈن كەسىپ كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %66.2 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى لايىھەلەش كىرىمى 248 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشقان؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تېخنىكا مۇلازىمىتى كىرىمى 902 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشقان؛ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇلۇت ھېسابلاش، بۈيۈك مەلۇمات مۇلازىمىتىدىن 992 مىليارد 700 مىليون يۈەن كىرىم قىلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8 ئاشقان. 

رايون جەھەتتىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شەرقىي رايوننىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى كىرىمى 8 تىرىليون 109 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 ئاشقان؛ غەربىي رايوننىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى كىرىمى 988 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشقان. ئوتتۇرا  رايونلارنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى گەۋدىلىك بولۇپ، يۇمشاق دېتال كەسپىدىن قىلىنغان كىرىم 502 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكىدىن 5.7  پوئېنت يۇقىرى بولغان. 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى كىرىمى تېز ئاشتى

1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشتى