ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» تۈرىنىڭ ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-01 09:41

«جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 29-نويابىر جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىدىكى لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى ۋە سۇچىلىق سىستېمىسى خارابىسى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇپ، بۇ، قەدىمكى جۇڭگونى كۆپ نۇقتىدىن تەتقىق قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مىليون يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى، 10 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنى دەلىللەشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلدى، دېدى.

لياڭجۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسى جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىنىڭ يۈخاڭ رايونىغا جايلاشقان، 1936-يىلى بايقالغاندىن بۇيان، كۆپ قېتىم ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلغان. جېجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ نىڭيۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتكۈل رايوندىكى خارابىلىكلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، جەزملەشتۈرۈلگەن خارابىلىك ئەسلىدىكى 135تىن 350 نەچچىگە كۆپەيدى.

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرىمۇ لياڭجۇ مەدەنىيەت خارابىسى تارقالغان يادرولۇق رايونلارنىڭ بىرى. نەنجىڭ مۇزېيىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى يۈ چېڭلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئارقىلىق، چاڭجۇدىكى سىدۈن خارابىسىدە سۇڭزې مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن لياڭجۇ مەدەنىيىتى دەۋرىگە يۈزلەنگەن مەدەنىيەت فورماتسىيەسى ۋە مەھەللىلەرنىڭ جايلىشىشىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى بايقالدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، لياڭجۇ خارابىسى ۋە سىدۈن خارابىسىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە سۇچىلىق سىستېمىسى تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە خۇبېي شاياڭ چېڭخې خارابىسى، جەنۇبىي ئاراللار تىل تۈركۈمىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە كېڭىيىش تەتقىقاتىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى كېيىنكى قەدەمدە زور تېمىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەنلىرى، زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن ئارخېئولوگىيەنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىدىن جەمئىيەتنى ھەمبەھرىمەن قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» تۈرىنىڭ ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

«جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى