تاۋلانغانلار -ئاياللارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن
قەلبىنۇر قۇربان «قۇربان مىللىي ئۆرپ-ئادەت مۇزېيى»نىڭ باشلىقى، گىلەم توقۇش كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى. ئۇنىڭ گىلەم توقۇش كارخانىسى لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن پۇقراۋى كارخانا. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى، قەلبىنۇر قۇربان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى يۇغۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى يىغىپ ساياھەتچىلەرگە نامايان قىلىش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى يېزا-كەنتتىكى ئاياللارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ياساشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاياللارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.