تاۋلانغانلار-قەلبىنۇرنىڭ ئارزۇسى
قەلبىنۇر قۇربان «قۇربان مىللىي ئۆرپ-ئادەت مۇزېيى»نىڭ باشلىقى. قۇربان مىللىي ئۆرپ-ئادەت مۇزېيى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئۈزۈمچىلىك بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، قەلبىنۇرنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان، بۇ مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان 6000 دىن ئارتۇق «كونا بۇيۇم»نى قەلبىنۇرنىڭ دادىسى بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھەرقايسى جايلاردىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، 2019 يىلى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن.
ھازىر بۇ مۇزېي «ئىدىقۇت رايونى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە ئەمەلىيەت بازىسى» ۋە «ئىدىقۇت رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» قىلىپ بېكىتىلدى.