بالىلاردىكى ئۆسمىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلسە
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يۈ جىنمىڭ مۇنداق دېدى: بالىلاردىكى ئۆسمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، پۈتۈن زەنجىرلىك ئۆسمىنى داۋالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش- بالىلاردىكى ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى. تۇغۇتنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دائىملىق تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىگەندىن باشقا، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت قاتلىمى ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي ۋە بەدەن ساغلاملىقى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشى، پىسخىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار ئاساسىي تەربىيە دەرسلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.